ئامېرىكا بلومبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ 4 – يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان مىسىرغا ئۈچ مىليارد دوللار قەرز بېرىپ، مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەرمەكچى بولغان.خەۋەرگە قارىغاندا، مىسىر خەلقئارالىق ھەمكارلىق مىنىسترلىقىنىڭ مىنىستىرى ساھار ناسىر مۇنداق دېگەن، سەئۇدى ئەرەبىستان مىسىرغا 1.5 مىليارد دوللار قەرز بېرىپ، بۇ پۇلنى سىناي يېرىم ئارىلىنى ئېچىشقا ئىشلىتىدۇ، 1.2 مىليارد دوللار قەرزنى مىسىرنىڭ نېفىت سېتىۋېلىشى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ، قالغان 500 مىليون دوللار قەرز پۇلنى بولسا مىسىرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئېكىسپورت ماللىرىنى سېتىۋېلىشىغا ئىشلىتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى، بۇ قېتىمقى قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈمىگە ئېتىبار بېرىلىدۇ، ئالاقىدار كېلىشىم 1 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تۈزۈلىدۇ.
خەۋەرگە قارىغاندا، 2013 – يىل مىسىردا ھەربىي ئۆزگىرىش بولۇپ، زۇڭتۇڭ مۇرسى تەختتىن چۈشكەن، كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن كۇۋەيت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مىسىرغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن نەچچە ئون مىليارد دوللار قەرز بېرىپ تۇرغان. بلومبېرگ ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى، گەرچە سەئۇدى ئەرەبىستان بۇ قېتىمقى ياردەم سوممىسى جەھەتتە بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئاز بولغان بولسىمۇ، بىراق يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەبلەغ ياردىمى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئىبارەت بۇ نېفىت چوڭ دۆلىتى ئۆزلىرىنىڭ تولۇقلىمىسىنى كېمەيتىپ، مالىيە كىرىزىسىنى تولۇقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا مىسىرغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرغان. مىسىر ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە مۇنداق دېگەن، بىر نەچچە ساياھەتچىلىك، ئۆي مۈلۈك تۈرى سەئۇدى ئەرەبىستان ئاساسىي ھوقۇق فوندىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
خەۋەردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن، 12 – ئايدا، سەئۇدى ئەرەبىستان ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر ۋە قەرزدارلىق فوندى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مىسىرغا تەخمىنەن سەككىز مىليارد دوللار مەبلەغ كىرگۈزۈپ بەرگەن، يەنە بەش يىل ئىچىدە ئېتىۋار باھا ئارقىلىق مىسىرنىڭ نېفىت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئۆتكەن يىل 11 – ئايغا قەدەر مىسىر پۇل كىرىزىسى سەۋەبلىك سودا پائالىيەتلىرى ئىككى يىلغىچە غورىگۈل ھالەتتە ئۆتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved