چاۋشيەن تاراتقۇلىرى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ماقالە ئېلان قىلىپ، كورىيەنىڭ ھەربىي مانېۋىرىنى ئەيىبلىدى. چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى 13-نويابىر ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىپ، كورىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2014-يىللىق دۆلەتنى قوغداش مانېۋىرىنى ئەيىبلەپ، كورىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى يىنپىڭ ئارىلىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسىنى قايتا تەكرارلاشقا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن دېدى.
ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: ھەربىي چېگرا سىزىقىدىكى كورىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسى مانېۋىرغا قاتناشتى، كورىيە بۇنى ئۇرۇش ئوتى يالقۇنجاپ تۇرغان چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنىڭ مانېۋىر مەيدانىغا ئايلاندۇرۇۋالدى.
ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: چاۋشيەن بۇ ئېغىر ۋەقەگە قارىتا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، ئەگەر كورىيە ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرىدە دېڭىزنى توپقا تۇتسا، چاۋشيەن دەرھال فىزىكىلىق قايتۇرما زەربە بېرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved