26-نۆۋەتلىك ئافرىقا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنى ئىپوپىيە پايتەختى ئەددىس ئەبىبەدە ئېچىلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېت باشلىقى دلامىنى زۇما سۆز قىلدى. زۇما سۆزىدە، غەربى سەھرا مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، غەربى سەھرا خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بېكىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ۋە بۇ ھەقتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى.
يىغىنغا ئافرىقا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن 40 نەپەر پرېزىدېنت ۋە 53 نەپەر باش مىنىستىر قاتناشتى، يەنە پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس، ئىكۋاتور پرېزىدېنتى رافايىل، سىربىيە پرېزىدېنتى تومىسلاۋ نىكولايىچ، ب د ت باش كاتىبى بان كىمون، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىبى نەبىل ئەل-ئەرەبى ۋە بىر قانچە ئورگان رەھبەرلىرى قاتناشتى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved