ئەنگىلىيىدە يەسلى ھەققى ئۆرلەپ كەتكەنلىكتىن ئاتا -ئانىلار خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ بالا بېقىشقا مەجبۇر بولدى
تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى . ئەنگىلىيىنىڭ ئائىلە ۋە بالىلار تەربىيىسىگە كاپالەتلىك قىلىش فوندى جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە ئەنگىلىيىدە بالىلارغا قاراش ھەققى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ كەتكەنلىكتىن نۇرغۇن ئاتا ئانىلار مالىيە قىيىنچىلىقىغا دۇچار بولغان .بىر قىسىم كىشىلەر قۇشۇمچە خىزمەت قىلىپ تولۇقلىما ئېلىپ بېرىپ تۇرمۇشنى قامداشنى ئويلاشقان بولسا يەنە بىر قىسىم كىشىلەر خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ بالىلىرىنى ئۆزى بېقىشنى ئويلاشقان .
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە ئەنگىلىيىدە ئىككى ياشقا توشمىغان بالىنى يەسلىگە ئاپارسا بىر ھەپتىدە 25 سائەت قاراش ھەققى 115.45 فوند سېرلىڭ يەنى تەخمىنەن 177 ئامېرىكا دوللىرى بولىدىكەن.بۇ سان بۇلتۇرقىدىن 5.1%ئاشقان .2010-يىلىدىن 32.8%ئۆرلىگەن ،ھەمدە ئۆيدە قونمايدىغان بىر بالا باققۇچىنىڭ بىر يىللىق ئىش ھەققىمۇ 4.3% ئاشقان.تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە تۇرمۇش تەننەرخى ئېلىپ كەلگەن بېسىم بارغانسېرى ئېشىپ بىر قىسىم خىزمەت قىلىدىغان ئاتا ئانىلارنى ئالدىراپ رۇخسەت سورىمايدىغان قىلىۋەتكەن .40%خىزمەت قىلىدىغان ئاتا ئانىلارنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار بالىلىرى ئاغرىپ قالغاندىمۇ مەكتەپكە ئاپىرىشقا مەجبۇر بولغان ،چۈنكى ئۇلارنىڭ خىزمەت بېسىمى ئېغىر بولغاچقا رۇخسەت سوراپ ئۆيدە بالىسىغا قارىيالمىغان .تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار نۇرغۇن ئاتا ئانىلار ئادەم تەكلىپ قىلىپ بالىسىنى باقتۇرۇشقا قۇربى يەتمىگەچكە خىزمىتىنى ئازايتىپ ياكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ بالىلىرىنى ئۆزى باققان .
ئەيمى كوك مۇنداق دېدى :> خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىشنى ئويلاشتىم ،چۈنكى مېنىڭ مۇئاشىم بەك ئاز بولغاچقا كىرىممىنىڭ ھەممىسى يەسلى ھەققىگە ئارانلا يېتىدۇ .شۇڭا خىزمىتىمنى قىلمىغىنىم تۈزۈك <. گەرچە كامىرون ھۆكۈمىتى ئالدىنقى نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەتكە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ خىزمەت قىلىپ يەسلى چىقىم مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم قىلغان بولسىمۇ ئەمما ئاتا ئانىلار يەنىلا يۇقىرى يەسلى ھەققىنى ئۈستىگە ئالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
جېننىفېر مۇنداق دېدى :> مەن ئوقۇتقۇچى يولدىشىم ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ،ئەسلىدە ئىككىمىزنىڭ مائاشى بىلەن يەسلى ھەققىنى كۆتۈرەلىسەك بولاتتى لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمىدى <.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK
07-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
 |
ياپونىيە يېنىنىڭ «شىددەت بىلەن ئۆسۈشى» ئامېرىكا دوللىرىنىڭ زور نىسبەتتە چۈشۈشىنى ئاستىلاتتى، خەلق پۇلى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئوتتۇرا باھاسى ئۆسۈپ 2005-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئۆسۈش نىسبىتىنى ياراتتى.
بۈگ...
|
 |
فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 4-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە «يەكشەنبە تايمىس گېزىتى» يېقىندا ئېلان قىلغان يىللىق رەت تەرتىپتە كۆرسىتىلىشىچە، لوندون دۇنيادىكى مىلياردېرلار ئەڭ كۆپ شەھەرگە ئاي...
|
 |
پەن-تېخنىكا تورى خەۋىرى (مۇخبىر پەن شى)، مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىللىق دۇنيا ھاياتلىق ئىلىمى پەن-تېخنىكا يىغىنى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن....
|
 |
يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى جۇڭنىڭ تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىشىچە، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ مائاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندىن بۇيان، كا...
|
 |
ھىندىستان تاراتقۇسى «ئىقتىساد گېزىتى» ماقالىسىگە ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى ھىندىستان باش مىنىستىرى مۇدى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قىممىتى 20 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېي...
|
 |
رۇسىيە سودا مەسلىھەتچىلىك تور بېكىتىنىڭ 4- ئاينىڭ 28- كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالېكساندىر تېكاچېۋنىڭ 4- ئاينىڭ 28- كۈنى بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە ئامېرىكا ۋە كانادادىن ئېشىپ كېتىپ، د...
|
 |
كۈمۈش بازىرىنىڭ ئىپادىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئالتۇن بازىرىنىڭ ئىپادىسىدىن ئېشىپ كېتىپ، قىممەتلىك مېتاللار ئىچىدىكى باشلامچى بولۇپ قالدى، ئەمما تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، بازار كەيپىياتىدا باھانىڭ ئۆرلىشى جەريان...
|
 |
چەتئەل تاراتقۇسى Re/Code نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇگىل يېڭى قاتتىق دېتال بۆلۈمى تەشكىللەۋاتقان بولۇپ، Nexus يان تېلېفونى، Chromebook خاتىرە كومپيۇتېرى، Pixel C ئۈسكۈنىسى، OnHub روتېر، ATAP، گۇگىل كۆزئەينەك كەسپى قات...
|
 |
4-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزى ئۈرۈمچىدە رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، بۇ مەركەز شىنجاڭدىكى تۇنجى «كەنت، يېزا ئىگىلىك ۋە دېھقانلار زور سانلىق مەلۇمات بۇلۇت سۇپىسى» نى قۇرۇپ، «يېزا...
|
 |
4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى دۆلەتلىك باج ئىدارىسىدا شىنجاڭدىكى تۇنجى 24 سائەتلىك ئاپتوماتىك باج ئىشلىرى مۇلازىمەت زالى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ مۇلازىمەت زالىدىكى 5 ئاپتوماتىك باج ئىشلىرى ماشىنىسى باج ...
|