تۈركىيە ئارمىيەسى زورلۇق بىلەن ئىراق چېگرىسى ئىچىگە كىرىپ، دۇنيا خەلقىنى زىل-زىلگە سالدى. بىر تەرەپتىن، ئىراق ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ: «تۈركىيەنىڭ بۇ قىلمىشى ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق»دەپ، تۈركىيە ئارمىيسىنىڭ ئىراقتىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان ئوچۇق- ئاشكارا ھالدا «بىز ھەرگىز چېكىنمەيمىز» دەپ قارشى مۇقامدا توۋلىدى. يېقىندىن بۇيان بۇ توغرىسىدىكى خەۋەرلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلىرىنىڭ باش بېتىگە چىقىپ، دۇنيانى بىر ئالدى. نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنى بولسا «تۈركىيەنىڭ زورلۇق زومبۇلۇقلىرىغا قارىتا، ئىراق ئۇرۇش ئېلان قىلامدۇ، يوق؟» دېگەن خەۋەر بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە بەرداشلىق بېرىپ، ئىراقتا داۋاملىق تۇرىۋېرىشى زادى نېمە ئۈچۈن؟
بۇ سوئاللار توغرىسىدا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ئىراقنىڭ ئىككى نەپەر خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسىنى زىيارەت قىلدى، تۆۋەندىكىلەر بولسا ئۇلارنىڭ قاراشلىرى.
بىرىنچىدىن، ئىراق ئارمىيەسىنىڭ تۈركىيە ئورۇنلاشتۇرغان قىسمىنىڭ ئەتراپىغا يېقىنلىشىشى ئىنتايىن مۈشكۈل. تۈركىيەنىڭ ئارمىيەسىنىڭ نۆۋەتتە ئىراق چېگىرسى ئىچىدە ئورۇنلاشتۇرغان قىسمىنىڭ ئورنى بولسا دەل رادىكال تەشكىلات IS كونتروللۇقىدىكى نىنىۋى ئۆلكىسى موسۇل ئەتراپى بولۇپ، سىلاھىدىن ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىن موسۇلغا بارىدىغان يوللار IS تەرىپىدىن ئىگەللىۋېلىنغان، باشقا موسۇلغا بارىدىغان يوللار بولسا كۇرد قوراللىق كۈچلىرىدىن تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان، شۇڭلاشقا ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن شىئە مەزھىپى قوراللىق كۈچلىرى بۇ جايغا يېتىپ بېرىشقا پۈتۈنلەي ئامالسىز بولۇپ، تۈركىيە ئارمىيەسىگە ھەربىي جەھەتتىن تەھدىت پەيدا قىلالمايدۇ.
ئىككىنچىدىن، ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بۇ جايغا يېتىپ بارالىسىمۇ غەلىبە قىلالىشى ناتايىن. ئىراق ھۆكۈمىتى ئارمىيەسى تۈركىيە ئارمىيەسى تۇرۇشلۇق جايغا يېتىپ بارالىدىمۇ دەيلى، بۇ جايدىكى تۈزلەڭلىك رادىكال تەشكىلات IS تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان، ئەتراپتىكى تاغلىق رايون كۇرد قوراللىق كۈچلىرىدىن تەرىپىدىن كونترول قىلىنغاچقا ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بۇنداق مۇرەككەپ تاغلىق رايون شارائىتىدا غەلىبە قىلالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ قورال-ياراق ئەسلىھەلىرىمۇ تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ.
تۈركىيەنىڭ ئىراققا قىسىم كىرگۈزۈشىنىڭ مەقسىتى كۆپلىگەن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئالدى بىلەن، تۈركىيە بۇ جاينى ئىگىلىۋېلىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق شارائىتلارغا ئىگە بولماقچى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن دۈشمەن ھالەتتە تۇرۇۋاتقان كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىق كۈچلىرى ئىزچىل ئىراقنىڭ شىمالى قىسمىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولغاچقا، تۈركىيە بۇ ئارقىلىق ئىراقنىڭ نىنىۋى ئۆلكىسى ۋە كۇرد ئاپتونوم رايونىدىكى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ زورايتىپ، بۇ ئارقىلىق كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ بۇ جايدا تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى.
ئۇنىڭدىن قالسا، تۈركىيە بۇ ئارقىلىق ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە سۈرىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان جايدا قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىراق چېگرىسى ئىچىدىكى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى بىلەن سۈرىيەدىكى كۇرد دېموكراتلار بىرلەشمە ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىماقچى. تۈركىيە، ئىراق، ئىران ۋە سۈرىيە چېگرىسىدىكى كۇردلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا، بۇ ئىككى پارتىيە ئىزچىل ھالدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەڭ چوڭ دۈشمىنى» قاتارىدا قارىلىپ، تۈركىيە بۇ ئىككىسىنى تېررورچى تەشكىلات دەپ ئېلان قىلغان.
بۇ ئىككى نۇقتىدىن باشقا يەنە، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى يەنە ئىراق ئىچىدىكى سۈننى مەزھەپ مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۈچىنى قوغداش ئۈچۈن. تۈركىيە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىران قوللىشىدىكى ئىراق شىئە مەزھىپىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىغا قارىتا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، بۇ ئارقىلىق ئىراقتىكى سۈننى مەزھەپنى ئاساس قىلىدىغان نىنىۋى ئۆلكىسىدىكى سۈننى مەزھەپ مۇسۇلمانلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved