ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىكى ئالتە چوڭ ياخشى ئادەت

      ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 6-چېسلا خەۋىرى: دۇنيادىكى ھەر قانداق ئادەمنىڭ بىر كۈن بولسىمۇ ئارتۇق كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرگىسى بار. بىراق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئادەتتىكى تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇنداقتا بىز بىرلىكتە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىكى ئالتە چوڭ ياخشى ئادەت بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

1. ھايۋانلار بىلەن كۆپرەك ئالاقىلىشىش

     ئەرمەك ھايۋان ياشانغانلارغا دوستلۇق ۋە ئىللىقلىق بېغىشلايدۇ، بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ. شۇڭلاشقا ھايۋانلار بىلەن كۆرەپ ئالاقىلىشىشنىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش، خولېستېرىن ۋە گلتسىرىن قاتارلىقلارنىڭ نورمال سەۋىيىدە ساقلىنىشىغا پايدىلىق پۇردۇئې ئۇنىۋېرسىتېتى (Purdue University) نىڭ ئىنسان ۋە ھايۋانات مۇناسىۋىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، دوكتۇر ئالان باكېر (Alan Baker) تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، ئائىلىدە بېلىق بېقىش، شاتۇتى بېقىش قاتارلىقلارنىڭ پايدىسى ناھايىتى چوڭ. ئەگەر ئۆيدە ئەرمەك ھايۋان بېقىشنى خالىمايدىغانلار بولسا، ھايۋاناتلار باغچىسىغا بېرىش، سۇ ئاستى باغچىلىرىغا بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھايۋانلار بىلەن كۆپرەپ ئالاقە قىلسا بولىدۇ ۋە ياكى ھايۋاناتلارنى يىغىۋېلىش ئورنىغا بېرىش، ئىتلارنى ئايلاندۇرۇپ كېلىش قاتارلىقلارمۇ پايدىلىق.

2. ھەر كۈنى مۇزىكا ئاڭلاش

   كالفورنىيە شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى داۋىس تارماق مەكتىپى (University of California, Davis) نىرۋا ئىلمى تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر پويىنتې جىياناتا (Pointe · Jia Nata) مۇنداق دېدى، مۇزىكا ئاڭلاش ئادەمنىڭ جىددىي كەيپىياتىنى تەڭشەشكە، ئۇيقۇنى ياخشىلاشقا، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياخشىلاشقا، ئىشتىھانى ئېچىشقا، بېسىم يىنىكلىتىشكە ۋە شۇنداقلا ئىممۇنت كۈچىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر كۈنى مۇزىكا ئاڭلىسا قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ، بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئاغرىقى ۋە شامالدارىپ قالغاندىن كېيىنكى سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولىدۇ، ھەتتا مۇزىكا ئاڭلاش ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئەقلىي يېتىلىشىگىمۇ پايدىسى بار. ئامېرىكا مىئامى ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتى (University of Miami School of Medicine) نىڭ پىراففىسورى كۇمار (Kumar) مۇنداق دېدى، مۇزىكا ئاڭلاش كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ، بولۇپمۇ سەھەردە مۇزىكا ئاڭلىغاندا، شوخراق، رېتىمى تىزراق ناخشىلارنى ئاڭلىسا، بىر كۈنلۈك كەيپىيات ياخشى بولىدۇ.

3. دائىم كۈلۈپ تۇرۇش.

      مارىيلاند ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتى (University of Maryland School of Medicine) يۈرەك كېسىلى ئىلمى تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر مىكخائېل مىللېر (Michael Miller) مۇنداق دېدى، كۈلكە ئاۋازى ئادەم بەدىنىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ، ئىممۇنت كۈچىنى ياخشىلايدۇ، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىش ئىقتىدارىنىمۇ ياخشىلايدۇ. شۇڭلاشقا ئادەم چوقۇم ئۆزىنى خۇشال قىلالايدىغان ئىشلارنى تېپىشى، ئاۋازلىق كۈلۈشى ۋە بۇنداق خۇشاللىقنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇشى كېرەك.

4. ھەپتە ئاخىرىدا تەبىئەت قوينىغا قايتىش.

      يالې ئۇنىۋېرسىتېتى (Yale University) جەمئىيەت ئېكىلوگىيەشۇناسلىق تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر سىتېفېن كايلېتې (Stephen Kai Lete) مۇنداق دېدى، باغچىلارغا كۆپرەك بېرىش، تەبىئەت دۇنياسىغا قايتىش كەيپىياتنى ياخشىلاش، ئۆزىگە ئىشىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. ئەنگلىيە ئېسسېكىس ئۇنىۋېرسىتېتى (Essex University, UK) ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، دائىم تەبىئەت دۇنياسىغا قايتىپ تۇرىدىغان، يەنى باغچىلارغا كۆپرەك بارىدىغان ئادەم ئاز ئاچچىقلىنىدۇ، ئاز جىددىيلىشىدۇ. سىرتلاردا ئايلىنىش، ۋېلىسپىت مىنىش قاتارلىق تەنھەركەتلەر يۈرەك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. تېز مېڭىش، بېلىق تۇتۇش، كېمە ھەيدەش، گۈل تېرىش قاتارلىقلارمۇ ساغلاملىققا پايدىلىق. شەھەر پۇقرالىرى ئۆيى ئەتراپىدا تاغ ياكى دېڭىز، باغچىلارنىڭ بولماسلىقىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى يېقىن ئەتراپتىكى باغچا، ھايۋاناتلار باغچىسى، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى قاتارلىقلاردىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانسا ئۈنۈمى يەنىلا ئوخشاش بولىدۇ.

5. ھەر ھەپتىدە ئىككى سائەت ۋاقىت ئاجرىتىپ باشقىلارغا ياردەم بېرىش.

     تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ھېچقاچان باشقىلارغا ياردەم بەرمەيدىغان ياشانغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، دائىم دوستلىرىغا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ۋە قوشنىلىرىغا ياردەم بېرىپ تۇرىدىغان كىشىلەر تېخىمۇ خۇشال بولىدۇ، بەدىنىمۇ ساغلام بولىدۇ. ئامېرىكا مېدىتسىنا ئالدىنى ئېلىش ئىلمى پروفېسسورى، دوكتۇر سىتېفېن پوست (Stephen Post) تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، 70 ياشتىن يۇقىرى ياشانغان كىشىلەر ھەر يىلى پىدائىيلار پائالىيىتىگە 700 سائەتتىن، يەنى ھەپتىسىگە ئىككى سائەتتىن قاتنىشىپ بەرسە، ساغلاملىققا پايدىلىق، مەسىلەن بەدەن ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىش، ئۇيقۇسىزلىقنى ياخشىلاش، كۆڭۈل ئارامىنى ياخشىلاش، ئىممۇنت كۈچىنى ياخشىلاش قاتارلىقلار.

6. تەيجى گۇمپىسى مەشىق قىلىش.

      ئامېرىكا تۇفىتىس ئۇنىۋېرسىتېتى مىدېتسىنا مەركىزى (Tufts University Medical Center) نىڭ شامالدارىپ قېلىش كىسىلى تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر ۋاڭ چېنچېن ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە، تەيجى گۇمپىسى مەشىق قىلىپ، يېنىك ھەرىكەتلەرنى ئىشلىگەندە، ھەممە ئادەمگە، بولۇپ ياشانغانلارغا دېگۈدەك پايدىسى بار ئىكەن. دائىم تەيجى گۇمپىسى مەشىق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى بولۇش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش قاتارلىق ياخشىلىنىش ئالامىتى كۆرۈلىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
06-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek