خەۋەرلىشىش كەسپى ئومۇمەن تەكشى مۇقىم ئاشتى

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، ھەرىكەتنى تەكشۈرۈش ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جېڭ لىشىن تۈنۈگۈن 2014-يىلى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە سانائەت ۋە خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇش يىىغنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەت بويىچە سانائەت ۋە خەۋەرلىشىش كەسپى ئومۇمەن مۇقىم تەكشى ئاشتى،كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتە ئىجابىي ئۆزگىرىش بولدى، ئۇچۇر ئىستېمالىنىڭ تۈرۈتكۈلۈك رولى يەنىمۇ چوڭ بولدى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئۇچۇر ئىستېمال كۆلىمى بىر تىرىليون 900 مىليارد يۈەنگە يەتتى، داۋاملىق ناچارلاۋاتقان دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ئالدىدا جۇڭگونىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدىكى سانائەت ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن ئازراق تۆۋەنلىدى، ئەمما جېڭ لىشىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سانائەت ھەرىكىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئازراق ئاشتى، ھەرىكەت ھالىتى ئاساسەن ياخشى بولدى، كەسىپ قۇرۇلمىسىدا ئىجابىي ئۆزگىرىش بولدى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تەرەققىياتى گەۋدىلىك بولدى، سانائەت تەرەققىياتىنى قوللايدىغان تۈرلۈك سىياسەتنىڭ ئۈنۈمى يەنىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى، بولۇپمۇ ھەرقايسى تارماقلارنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كۈچى ئاشىتى، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى سىياسەتلەر تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتى، مەملىكەت بويىچە كارخانىلارغا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي ئىشلار خاراكتېرلىك ھەقلەر ۋە ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند تۈرلىرىنى ئېنىقلاش نەتىجىسى يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ، جايلارنىڭ ئېنىقلاش نەتىجىسى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنىدۇ، نۆۋەتتە جېجياڭ ئۆلكىسى، فۇجيەن ئۆلكىسى، سەنشى ئۆلكىسى قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەر كارخانىلاردىن ھەق ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك مۇندەرىجىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش تېزلىتىلىپ، ئۇچۇر ئىستېمالىنىڭ تۈرتكۈلۈك ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئۇچۇر ئىستېمال كۆلىمى بىر تىرىليون 900 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18 ئاشتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ، يۇمشاق دېتال كەسپى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 دىن ئارتۇق ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 گە يېقىن ئاشتى، جېڭ لىشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، سانائەت تەرەققىياتىنىڭ تۆتىنچى پەسىلدە داۋاملىق ھازىرقىدەك تەكشى مۇقىم ئېشىشىدىن ئۈمىد بار، ئەمما ئىقتىسادنىڭ بىر قەدەر زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش بېسىمىدا كەسىپ قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولماسلىق، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش، تەرەققىياتى مۇھىت ناچار بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇد.



خەتكۈچلەر:
03-11-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-05-2016
    كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى بۇ داچا ھوللېۋودتىكى چولپانلار يىغىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 2787 كىۋادرات كېلىدىغان بۇ داچىدا 10 ھۇجرا ئۆي بار ئىكەن، بۇ ئىلگىرى ئامېرىكىلىق ئايال چولپان بابارا. سترىېساندنىڭ...
10-05-2016
    بۇ يىل 1-ئايدا بىز مىكرو سوفت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ساتيا نادېللانىڭ ۋاشىنگىتون ئىشتاتىنىڭ Clyde Hill شەھىرىگە جايلاشقان ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىنى ساتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېلان بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق، Gee...
03-05-2016
    2008- يىلىدىكىگە ئوخشاش، ئامېرىكا بەك كۆپ خەجلىۋەتتى ھەمدە بەك كۆپ قەرز ئالدى؛ ئىشلەپچىقىرىلمىلار تولىمۇ ئاز، ئامانەت پۇلىمۇ ئاز. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى 2009- يىلى ئەڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىلگىرى يار...
02-05-2016
    ئېكۋادوردا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى بارغانسېرى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، بىراق 4- ئاينىڭ 29- كۈنى قۇتقۇزغۇچى خادىملار خارابىلىك ئاستىدىن 72 ياشقا كىر...
01-05-2016
    ئىشچىلار موسكۋادىكى مەشھۇر رۇسىيە مېھمانسارىيىنى ئۆزگەرتىۋاتقاندا، مېھمانساراينىڭ شەرقىي بىناسى بىلەن شىمالىي بىناسىنىڭ ئارا بۇلۇڭىدىكى ئۇلىدا قۇرۇلۇش قىلىۋېتىپ، تەخمىنەن 4000 نەچچە ئادەم سىغىدىغان بىر چوڭ يەر ئاستى سار...
30-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، كېنىيە قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتىنىڭ 29-چېسلا ئاشكارىلىشىچە، پايتەخىت نايروبىدا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي قى...
30-04-2016
شېنجىندا نىمكەش ئۆي باھاسى ئۇدا 18 ئاي ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە باشلىدى. 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەردىكى يېڭى ئۆي پۈتۈشۈش مىقدارى پەقەت 2259 يۈرۈش بولۇپ، 3-ئايدىكىگە قارىغاندا %49 تۆۋەنلەپ كەتتى، پۈتۈشۈش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىۋ...
29-04-2016
     جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، باج تاپشۇرغۇچىلار ئەمدى «نىكاھ ئىسپاتى» تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. 28-چېسلا مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۆي-ج...
29-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى ساياھەتچىلەر جىنلۇڭ كەنتىدىكى بىر پارچە 3D سترېئولۇق رەسىم ئالدىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە. 2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھىرىدىكى جىنلۇڭ كەنتى بىر تۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، 442 كورپۇ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 27-كۈنى، شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ ئەيليەن لوڭتېڭ سانائەت رايونىدىكى جوڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يېنىدىكى ئامبارغا ئوت كەتكەن. ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقى تېزلىكتە دايۈنچېڭ، لوڭدۇڭ، لوڭگاڭ، پىڭخۇ، خېڭگاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوت...
Powered by Leglek