ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسى شۇ جاي ۋاقتى 10 -يانۋار ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىدىكى بىر « ئىسلام خەلىپىلىكى » رادىكال تەشكىلاتى نىشانىنى بومباردىمان قىلغان بولۇپ، ھاۋا ھۇجۇمى بۇ تەشكىلاتنىڭ شۇجايغا ساقلاپ قويغان نەچچە مىليون دوللار نەق پۇلىنى كۆيدۈپ تاشلىغان.
ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارى 11 -يانۋار ئاخبارات ۋاستىلىرىغا :« 10-يانۋاردىكى ھاۋا ھۇجۇمى قىلىنغان ئىمارەتدە « ئىسلام خەلىپىلىكى » تەشكىلاتىنىڭ نەق پۇل ساقلايدىغان ئامبىرى بار ئىكەن ، ئىچىدە « ئىسلام خەلىپىلىكى » تەشكىلاتىدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلار بار بولۇپ، بۇ جايدا ساقلىنىدىغان پۇل ئاساسلىقى ھەربىي ھەرىكەت ۋە « ئىسلام خەلىپىلىكى» تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ مائاشىنى بېرىشى ئۈچۈن ئىشلىنىدىكەن»، دېگەن.
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسى يېقىندا « ئىسلام خەلىپىلىكى » تەشكىلاتىنىڭ بۇ نەق پۇل ساقلاش نۇقتىسىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇلارنى نەچچە كۈن كۈزەتكەن. بۇ رايوندا پۇقرالار كۆپ جايلاشقان بولغاچقا، كۈندۈزى كۆپلىگەن پۇقرالار كوچىدا ھەركەت ئېلىپ بارىدىكەن، شۇڭا ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىزچىل شۇجايدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۈزەتكەن ھەمدە ھۇجۇم قوزغاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنى كۈتكەن.
شۇ يەر ۋاقتى 10 يانۋار سەھەردە، ئامېرىكا ئارمىيىسى شۇ ئىمارەتكە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ ، نەچچە مىڭ قاداق ئېغىرلىقتىكى بومبىنى تاشلىغان، بۇ ئىمارەتمۇ ھاۋا ھۇجۇمىدا خارابىلىككە ئايلانغان. ئامېرىكا ھەربىي قىسمىنىڭ بىلدۈرىشىچە،ھازىرچە بىرەر پۇقرانىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved