ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن 17 – ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ۋە خىزمەتچىلەردىن ھال سورىدى.
ئەركىنجان تۇراخۇن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى ھەم توردا ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈشنىڭ تەرتىپى، نومۇر قويۇش ئۆلچىمى، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش خىزمىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىنچىكە كۆزدىن كەچۈردى. ئەركىنجان تۇراخۇن ئوقۇتقۇچىلار ۋە خىزمەتچىلەردىن ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈشتە ئادىل، باراۋەر بولۇپ، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىنى ياخشى ئىشلەش؛ نومۇر قويۇش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەمدە تاماملاش؛ مەخپىيەتلىك خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ بىخەتەر ۋە ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
![]() |
گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا 2016-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. خىزمەت ئ...
|
![]() |
پارچە سېتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 6 يۈەن، توپ تارقىتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 4 يۈەندىن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئالما باھاسى 3 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشتى.
4-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىدىك...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved