1. سوزۇلما خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ياللۇغى. بۇ كۆپىنچە ئوپىراتسىيە ئارقىلىق يەڭگىگەن، تۇخۇمدان ئۆسمىسى ۋە سوقۇر ئۈچەي ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇلغاندىن كېيىن پەيدا بولىدۇ. بۇ ئاسانلا بەل ۋە قورساق ئاستىنقى قىسمىنى ئاغرىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنى ۋاقتىدا داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ.
2. سۈيدۈك يولى سىستېمىسى يۇقۇملىنىش. ئاياللار ئاسانلا سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭدىن جىددىي خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولۇپ، بەل تېلىپ ئاغرىش، قاتتىق ئاغرىش كۆرۈلىدۇ.
3. بەل مۇسكۇلى بوشىشىش. بەدەن ئېغىر دەرىجىدە چارچىسا، ئورنىدىن نورمال تۇرالمىسا، ئولتۇرۇش قىياپىتى توغرا بولمىسا، بەل مۇسكۇل بوشىشتىن كېلىپ چىققان بەل ئاغرىقى كۆرۈلىدۇ.
4. بەل ئومۇرتقىسى پۇلتىيىپ چىقىش. بۇ كېسەللىك ياش ئاياللاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بۇ ئاساسلىقى بەل زەخىملىنىش، ئۇزاق مەزگىل ئەمگەك قىلىشتىن پەيدا بولىدۇ.
5. سۆڭەك شالاڭلىشىش. بۇ كېسەللىك ئوتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ھەيز كېلىپ بىراقلا توختىغان ۋاقىتتىن كېيىن ئومۇرتقا تۈۋرۈكىدىكى سۆڭەك شالاڭلىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئومۇرتقا تۆۋرۈكىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ ھەمدە يول ماڭغاندا بەل ئاغرىيدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved