ئىجادچانلىق مۇستەقىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەملەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىشتا ئۇلارنى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشكە، مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئىجادچانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق داڭلىق پىسخولوگ تورانىس ئىجادچانلىققا ئىگە بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى مۇنداق يىغىنچاقلىغان:
1. دائىم باشقىلارنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، شەيئىلەرنى كۆزىتىدۇ، باشقىلارنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىدۇ.
2. گەپ قىلغاندا ۋە ماقالە يازغاندا تۈرلەرنى سېلىشتۇرىدۇ ۋە ئەقلىي يەكۈن چىقىرىدۇ.
3. كىتاب ئوقۇش، يېزىش ۋە تەسۋىرلەش ماھارىتىنى ياخشى ئىگىلەيدۇ.
4. نوپۇزلۇقلارغا رىقابەت ئېلان قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
5. ئىشلارنىڭ تېگى–تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، شەيئىلەرنىڭ سەۋەبلىرىنى ئېنىقلايدۇ.
6. شەيئىلەرنى ئىنچىكە كۆزىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
7. ئۆزى بايقىغان نەرسىلەرنى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
8. شاۋقۇنلۇق، قالايمىقان مۇھىتتىمۇ زېھنىنى يىغىپ ئىش قىلالايدۇ.
9. بىر – بىرىگە مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرۈنگەن شەيئىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېپىپ چىقالايدۇ.
10. ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۆگىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.
11. ئىشلارغا قىزىقىشى كۈچلۈك بولىدۇ.
12. ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەجرىبە قىلىش ئۇسۇلى ۋە مەسىلىلەرنى بايقاش ئۇسۇلى بولىدۇ.
13. نەتىجىنى ئالدىن مۆلچەرلەشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەم بۇ مۆلچەرنىڭ توغرىلىقىنى تىرىشىپ ئىسپاتلىيالايدۇ .
14. دىققىتى چېچىلىپ كېتىدىغان ۋاقىت ئاز بولىدۇ.
15. ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە سوئال سوراش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۆزى بىلگەن شەيىئىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشنى ئادەت قىلغان.
16. ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات تېمىلىرىنى ئۆزى بەلگىلىيەلەيدۇ.
17. شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات مۇمكىنچىلىكىنى كۆپ تەرەپتىن ئىزدەشكە ئادەتلەنگەن.
«بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم» دېگەندەك مول ئىجادچانلىققا ئىگە بالىلار كىچىكىدىن باشلاپ باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدىغان بەزى ئالاھىدىلىكلەرنى ئاشكارا ھازىرلىغان ياكى يوشۇرۇن ھازىرلىغان بولىدۇ. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار ۋە ئۇستازلار پەرزەنتلىرىنى يېتەكلەشكە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىپ، مول ئىجادچانلىققا ئىگە بالىلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈشكە ھەسسە قوشۇشى كېرەك. چۈنكى ئىجادچانلىققا ئىگە بالىلارنى تەربىيەلەش بۈگۈنكى مائارىپىمىزنىڭ، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ۋە تەقەززاسى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved