جۇڭگو ئاخبارات تورى 14- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارا ئالىملار گۇرۇپپىسىنىڭ « ئىلىم-پەن دوكلاتى » ژۇرنىلىدا يېقىندا ئېلان قىلىغان بىر پارچە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا بىرازىلىيەدە بايقالغان بىر خىل نامەلۇم ئۆمىلىگۈچى جانلىقنىڭ تاش قاتمىسىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، بۇ خىل جانلىق دىنوزاۋرلار ياشىغان دەۋىردىنمۇ ئىلگىرىكى دەۋىرلەردە ياشىغان ئىكەن.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، خەلقئارا ئالىملار گۇرۇپپىسى خۇلاسە چىقىرىپ، بۇ خىل ئۆمىلىگۈچى ھايۋاننىڭ 250 مىليون يىل ئىلگىرى بىرازىلىيەدە ياشىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يەر شارىدا پەيدا بولغان ۋاقتىنىڭ دىنوزاۋرلار ياشىغان دەۋىردىنمۇ ئىلگىرىكى دەۋىرلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئىگىلىنشىچە، بۇ خۇلاسە مۇكەممەل ساقلانغان تاشقا ئايلانغان سۆڭەكلەرنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا چىقىرىلغانىكەن.
ئالىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ تۆت پۇتلۇق ئۆمۈلىگۈچى جانلىق بولۇپ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلىقى 1.5 مېتىرغا يېتىدىكەن. ئالىملار ئۇنىڭ ئۆتكۈر چىشلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇنى بىر گۆشخۇر ھايۋان دەپ قارىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved