يەرشارى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئامېرىكا سىملىق تېلىۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 23-چېسلادىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە ، ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات ئاكادىمىيىسى شۇ كۈنى ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى تۇنجى ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى-چىش كېسەللىكلىرى سېستىراسى-فەن نىنانىڭ پۈتۈنلەي ساقايغان، شۇنداقلا 24-چېسلا كۈنى دوختۇرخانىدىن چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، فەن نىنا ئىسىملىك بۇ ئايال سېستىرا ئامېرىكىدا تۇنجى بايقالغان ئېبولا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى بىمار-دېنكېننى داۋالاش جەريانىدا بۇ خىل ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان بولۇپ، شۇ يەر ۋاقتى 24-چېسلا كۈنى، سېستىرا فەن نىنا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان ھەم يىغىندا ئۆزىنىڭ ساقىيىشى ئۈچۈن قان سۇيۇقلۇقىنى تەقدىم قىلغان ئېبولا ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن ساقايغۇچى- بىرانتلىغا رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.بۇ قېتىمقى خەۋەرنىڭ قىزىق نۇقتىسى شۇكى ئوباما ئاق سارايدا ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ساقايغان سېستىرا-فەن نىنانى بىلەن قۇچاقلاپ كۆرۈشتى شۇنداقلا فەن نىنانىڭ كۆرسەتكەن بارلىق تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتقان.
ئامېرىكا ئاتلانتا ئېمورىي ئۇنۋېرسىتىتى دوختۇرخانىسىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى 2-ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بىمار- ئەنبۇر.ۋېنسېننىڭمۇ پۈتۈنلەي ساقايغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ۋېنسېنمۇ دەل ئامېرىكىدا تۇنجى بايقالغان ئېبولا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى بىمار-دېنكېننى داۋالاش جەريانىدا بۇ خىل ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئىكەن .
ئامېرىكىدا يېقىندا ئۈچ كىشىنىڭ ئېبولا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشتۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا جەمئىيىتىدە دەرھال «مەيلى نېمە بولسا بولمامدۇ» دېيىشنىڭ ئورنىنى «ناھايىتى قورقۇۋاتىمەن» دېيىش ئالدى. خەلقنىڭ گۇمانى ساداسى ئىچىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىنىڭ داۋالاش سىستېمىسىدىكى يوچۇقنى تېپىپ چىقىپلا قالماستىن يەنە زۆرۈرتېپىلغاندا بۇندىن بۇرۇنقى تاقابىل تۇرۇش سىياسىتىنى تەڭشەش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى.
ئامېرىكازۇڭتۇڭى ئوباما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىلىق ئىككى سېسترانىڭ ئېبولا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملىنىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ غەربىي ئافرىقىغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئامېرىكىدا ئېغىر يۇقۇمنىڭ پەيدابولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى غەربىي ئافرىقىدىكى يۇقۇمنى كونترول قىلىش زۆرۈر.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved