قۇرۇپ چاك-چاك يېرىلىپ كەتكەن ئېتىزلار
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ئۆتكەن بىر ھەپتە تومۇز ئىسسىقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، نۇرغۇن تاشيولنىڭ يۈزى ئېرىپ كەتكەن، 1400دىن كۆپ ئادەم قازا قىلغان. بىراق، نۆۋەتتىكى خۇش خەۋەر شۇكى، يەرلىك مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ 27-ماي مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسى بىر قانچە كۈندە ئۆتكۈنچى يامغۇر يېغىپ ۋە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، بۇ تومۇز ئىسسىق سەل پەسىيىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ياز كىرگەندىن بۇيان، ھىندىستاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بىر قسىم رايونلاردا تېمپېراتۇرا شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، دەرىجىدىن تاشقىرى ئىسسىق دولقۇن ھۇجۇم قىلغان، پايتەخت يېڭى دېھلىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 45 سېلىتسىيە گىرادۇسلۇق رېكورتنى ياراتقان؛ شەرقىي جەنۇبتىكى بىر قىسىم رايونلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھەتتا 48 سېلىتسىيە گىرادۇسقا يەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ھىندىستاندا ھەر يىلى يامغۇر پەسلى كېلىش ئالدىدا مۇشۇنداق تومۇز ئىسسىق بولىدىكەن، غەربىي جەنۇب مۇسسون شامىلى ئادەتتە 1-ئىيۇنلار ئەتراپىدا يېتىپ كېلىدىكەن، 15-ئىيۇنغا بارغاندا پۈتۈن ھىندىستاننى قاپلايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved