ئەگەر سىز بانكىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىنى ئىشلىتىشتىكى مەخپىيەتلىكنى چۈشەنگەندىن كىيىن، بىزنىڭ ئىستىمالىمىز ئۈچۈن بىر ياخشى پۇرسەت ئېلىپ كىلەلەيسىز، ئەگەر سىز چۈشەنمىسىڭىز ئەكسىچە ياخشى پۇرسەت بىر يۈككە ئايلىنىپ قېلىشى مومكىن. ھازىر بىز ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ھەرخىل مەخپىيەتلىكىنى ئېچىپ باقايلى.
1.ۋاقىتقا بۈلۈپ تۆلىگەندە سىز ئالدىن پۇلنى قايتۇرۋاتسىڭىزمۇ يەنىلا رەسمىيەت ھەققى ئالىدۇ مىسال: ئەخمەت نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا خۇاشىيا بانكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىنى ئىشلىتىپ 9000 سومغا بىر سىفىرلىق فوتو ئاپىرات ئالماقچى بۇلۇپتۇ، پۇل سوممىسى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن پۇلنىڭ ھەممىسىنى بىر قېتىمدا تۆلەشكە ئامالسىز قېلىپتۇ. ئاخىرىدا ئۇ بانكىدىن ئالتە ئايغا بۈلۈپ قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپتۇ، ھېساپلاپ كۆرسەك، ھەر بىر قايتۇرۇش ۋاقتىدا 1555.8 سوم قايتۇرىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە ھەر قايتۇرۇش ۋاقتىدا 55.8 سوم رەسمىيەت ھەققى ئالىدىكەن. ئۈچ ئايدىن كىيىن ئۇ ھەممە پۇلنى بىراقلا قايتۇرۇشنى ئويلاپتۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇ قارىسا يەنە ئۈچ ئايلىق رەسمىيەت ھەققى 167.4 سوم بار ئىكەن، يەنە كىلىپ 20 سوم مۇددەتتىن بۇرۇن رەسمىيەت ھەققى قايتۇرۇش پۇلى بار ئىكەن. ھەقىقەت: مۇددەتكە بۈلۈپ مال سېتىۋېلىش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن مۇددەتتىن بۇرۇن پۇل قايتۇرۇشنى قارار قىلسىڭىز، ئەگەر ئايغا بۈلۈپ پۇل تاپشۇرۇش بولسا كىيىنكى ئايلارنىڭ رەسمىيەت ھەققى قاتارلىق ھەقلەرنى تاپشۇرۇشقا مەجبور بۇلىسىز. دىمەكچى مۇددەتكە بۈلۈپ پۇل تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن مەيلى قانداق ئىش بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر ھەممە رەسمىيەت ھەققىنى تاپشۇرۇشىڭىز شەرت.
2.ئەڭ تۈۋەن چەكتە پۇل قايتۇرۇشتىمۇ سىز ئىشلەتكەن ھەممە پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى تۆلەيسىز. جىق سوممىلىق ئىستىمال قىلىپ بىرلا ۋاقىتتا ھەممىسىنى قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالغاندا نۇرغۇن كىشىلەر ئەڭ تۈۋەن چەكتە قايتۇرۇشنى تاللايدۇ(ئادەتتە ئشىلەتكەن سوممىنىڭ %10)، بۇنىڭدا بانكىدا ناچار خاتىرە بۇلۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ. لېكىن بىز ئۆسۈمنى ھېساپلاپ كۆرگىنىمىزدە ئۆسۈمنىڭ بىز ئىستىمال قىلىشنى باشلىغان كۈندىن باشلاپ ھېساپلىغانلىقىنى بايقايمىز، دىمەك ئۆسۈم يوق دىگەن گەپلەر نۆلگە تەڭ. مۇنداقچە ئىيتساق سىز 10000 سوم خەجلەپ، گەرچە 9900 قايتۇرۇپ بولغان بولسىڭىزمۇ ئۆسۈم ھېساپلىغاندا يەنىلا 10000 سومنىڭ ئۆسۈمىنى سىزدىن ئالىدۇ
3.ئىناۋەتلىك كارتىنى ئادەتتىكى كارتا ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. يېڭىدىن ئىناۋەتلىك كارتا بىجىرگەن كىشىلەر دائىم پۇلىنى ئىناۋەتلىك كارتا ئىچىگە قۇيىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا كارتا سۈرتۈپ مال سېتىۋالغاندا جۇغلانما (جى فېن) غا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ. لېكىن بۇ ۋاقىتتا بانكا مەسخىرىلىك ھالدا كۈلۈپ تۇرىدۇ، چۈنكى زىيان تارتقىنى يەنىلا كارتا ئىگىسى. ئەخمەت ئالدىنقى يىلى سودىگەر چاقىرىش بانكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالىدۇ ھەمدە ئىچىگە 2000 سوم پۇل سېلىپ قۇيىدۇ. لېكىن ئۇ پۇلداندىن 1000 سوم پۇلنى ئالغان ۋاقىتتا 10 سوم پۇلنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ ھەمدە بانكىغا بېرىپ شۇ ۋاقىتتا كارتىغا سېلىپ قويغان 2000 سومنىڭ ئۆسۈمى يوق بۇلۇپلا قالماي يەنە پۇل ئالغاندا رەسمىيەت ھەققى تۇتۇپ قالىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. دىمەك ئىناۋەتلىك كارتىغا پۇل سالسىڭىز ئۆسۈم يوق بۇلۇپلا قالماي يەنە سىزدىن رەسمىيەت ھەققى ئالىدۇ.
4.جۇغلانما(جى فېن)دىن سىز پايدا ئالالمايسىز كۆپ قىسىم ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلەتكۈچىلەرنى قىزىقتۇردىغىنى يىغىلىش نۇمۇرىغا سوۋغا ئالماشتۇرۇش، لېكىن سىز كۆز تىكىۋاتقان سوۋغاتنى كۆزلەپ نۇمۇر يىغىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، جۇغلانما نۆلگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايقايسىز. چۈنكى كۆپلىگەن بانكىلار يىغىلىش نۇمۇرىغا ۋاقىت بەلگىلەپ قويغان بۇلىدۇ. كۆپلىگەن ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزىنىڭ نۇمۇرىنىڭ بارا بارا ئازلاۋاتقانلىقىنى، نۇمۇرنى ئېلىشنىڭ تېخىمۇ مۇشكۈللىشىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ، ئەڭ يامان يېرى شۇكى ماشىنا سېتىۋېلىش، ئۆي سېتىلىش قاتارلىق چوڭ سوممىلىق ئىستىمال جۇغلانما دائىرىسىگە كىرمەيدۇ
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved