يەر شارى خەۋەر تورى 9-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىسپانىيەنىڭ غەربى جەنۇبىدا سىۋىللى ئايرۇدومى ئەتراپىدا بىر ھەربىي توشۇش ئايرۇپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئىسپانىيە باش مىنىستىرى مارىيانو راجوي، Airbus A400M تىپلىق توشۇغۇچى ئايرۇپىلاننىڭ سىۋىللى ئايرۇدرومى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، 10 نەپەر ئۇچقۇچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى. راجوي، ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداندا يارىدارلارنىڭ بارلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئىسپانىيە ئايرۇدرومى ئىدارىسى AENA ، ئىسپانىيە سىۋىللى ئايرۇدرومىنىڭ تاقالغانلىقىنى، مەزكۇر ئايرۇدرومغا قونماقچى بولغان بارلىق ئايرۇپىلانلارنىڭ مالاگا ۋا جىزر ئايرودرومىغا يۆتكەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
El Pais گېزىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان رەسىملەردە، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئايرۇپىلاننىڭ كۆيىۋاتقان قىسمىنى ئۆچۈرۋاتقان كۆرۈنۈشى كۆرستىلگەن. دۆلەت تېلىۋېزىيسى ئۇچقۇچىلارنىڭ ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن كونترول قىلىش مۇنارى بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكىنى ۋە ئايرۇپىلاننىڭ كونتروللىقنى يۇقتىپ قونۇشقا مەجبۇرى بولغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved