پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچ سائەت 19:30 ئۆتكەندە جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 14-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدى. خېنەن خىيەنيې كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا شاڭخەي شېنشىن كۇلۇبىنى كۈتۈۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا خېنەن جىيەنيې كۇلۇبىدىن پارتىنىئو ۋە ئىۋو بىردىن توپ كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا لى جىچاۋ ، ساخىرا بىردىن توپ كىرگۈزدى.زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان ئوغلانىمىز مۇرەخمەتجانمۇ بىر توپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا خېنەن جىيەنيې كۇلۇبى 5-0 نەتىجە بىلەن شاڭخەي شېنشىن كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئابدۇۋەلى ئابلەت ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى.
مۇسابىقىنىڭ 11-مىنۇتىدا خېنەن جىيەنيې كۇلۇبىدىن پارتنىئو بىر توپ كىرگۈزدى. خېنەن جىيەنيې كۇلۇبى 1-0 شاڭخەي شېنشىن كۇلۇبى.
31-مىنۇتتا قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە قول توپ قىلدى. ئىۋو نۇقتا توپ كىرگۈزدى. خېنەن جىيەنيې كۇلۇبى 2-0 شاڭخەي شېنشىن كۇلۇبى.
77-مىنۇتتا خېنەن جىيەنيې كۇلۇبى بۇلۇڭ توپ باشلىدى. لى جىچاۋ توپنى كىرگۈزدى. خېنەن جىيەنيې كۇلۇبى32-0 شاڭخەي شېنشىن كۇلۇبى.
85-مىنۇتتا خېنەن جىيەنيې كۇلۇبىدىن ساخىرا بىر توپ كىرگۈزدى.خېنەن جىيەنيې كۇلۇبى 4-0 شاڭخەي شېنشىن كۇلۇبى.
92-مىنۇتتا ئىۋو ياردەمچى پاس بەردى. ئۇيغۇر توپچىمىز مۇرەخمەتجان زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ بىر توپ كىرگۈزدى. خېنەن جىيەنيې كۇلۇبى 2-0 شاڭخەي شېنشىن كۇلۇبى.
ئاخىرىدا خېنەن جىيەنيې كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 5-0 چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن شاڭخەي شېنشىن كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى. مۇرەخمەتجان بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن توپى بۇ پەسىلدىكى تۇنجى توپ ھېسابلىنىدۇ.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved