ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگوغا تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى بەلگىلىمىنى چىڭىتتى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تالاش تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئورگىنى يېقىندا جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇشنى چىڭىتىش تەدبىرىنى ئەيىپلىشى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كېسىمىنى ئىجرا قىلىش تەدبىرى جەھەتتە يەنىلا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان دەپ كېسىم چىقاردى.
جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى شەرتنامە قانۇن مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو: ياۋروپا دائىرىلىرى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تەدبىرلەرنى تېزدىن بىكار قىلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. جۇڭگو مۇمكىنچىلىكى بولغان كېيىنكى تەرتىپلەرگە پائال ماسلىشىدۇ، بۇ تالاش تارتىشلارنىڭ بالدۇرراق مۇۋاپىق ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو قاتتىق دېتال كارخانىلىرىنىڭ ياۋروپاغا بولغان ئېكسپورتىنى بالدۇرراق نورماللاشتۇرىدۇ.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved