يېقىندا مەلۇم ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى تۇغۇلغان بىر بوۋاق ئۈچ كۈن ئىچىدە 189 تۈر بويىچە تەكشۈرتۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز، سىفىلىسنى تەكشۈرتۈش تۈرلىرىمۇ بار ئىكەن. بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان. ئۇنداقتا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ھەممە تۈر بويىچە تەكشۈرتۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ زادى تەكشۈرتمىسە بولمايدىغان تۈرلەر قايسىلار ؟
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە: «بوۋاقلارنى تەكشۈرتۈشتە ئالدى بىلەن بوۋاقنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە كېيىنكى سالامەتلىك ئەھۋالىغا قاراپ قاراتمىلىق تەكشۈرتۈش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە زۆرۈر بولغان تەكشۈرتۈش تۈرلىرىدىن بوۋاقلار تۇغۇلۇپ 72 سائەتتىن كېيىن ئەقلىي ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈش، بالىلاردىكى سېرىقلىقنى، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى، تۇغما خاراكتېرلىك قالقان بەز ئىقتىدارىنى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. بوۋاقلاردىكى سېرىقلىقنى ۋاقتىدا تەكشۈرتمىگەندە، مېڭىگە تارقاپ كەتسە، مېڭە پالەچ، ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىزلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش كېرەك. ۋاقتىدا ۋالىمىسا كۆزىگە ئاق چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بوۋاق تۇغۇلۇپ 36 ھەپتە بولغاندا چوقۇم كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرتۈش كېرەك».
![]() |
ساختا دورا سېتىش قىلمىشى خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق.
ماۋ فامىلىلىك بۇ يىل 36 ياش، راڭفېن ناھىيىسىدىن، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 2014-يىللىرى، ماۋ فامىلىلى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved