69-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى تۆنۈگۈن قارار ماقۇللاپ ھەر يىلى 19-ئىيۇننى «توقۇنۇشتكى جىنىسىي زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى تۈگىتىش خەلقئارا كۈنى» قىلىپ بېكىتتى. 69-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى كۇتەيسا قارار لايىھىسىنى يىغىنغا سۇنۇپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قۇراللىق توقۇنۇشتىكى ھەمدە توقۇنۇشتىن كېيىنكى جىنىسىي زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئېغىر خىلاپ، بىراق بۇ خىلدىكى قىلمىشلار توقۇنۇشىۋاتقان رايونلاردا دائىم يۈز بېرىپ تۇرماقتا ھەمدە ئاددىي پۇقرالارنى چۆچۈتىش ۋە تەھدىد سېلىپ كونترول قىلىش قورالى قىلىنماقتا .ئۇ مۇنداق دېدى: توقۇنۇشتىكى جىنىسىي زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى چوقۇم توسۇش، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ھەرىكەتلەرنى يولغا قويغۇچىلارنى قانۇن ئارقىلىق جازالاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved