ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگېشىپ پۇتبول مەستانىلىرى گۇئاردىيولانىڭ يازدا قايسى كۇلۇبقا بېرىش مەسىلىسىگە ئانچە بەك قىزىقمايدىغان بولۇپ قالدى. گۇئاردىيولا ئۆزىنىڭ ئىنگلاند بىرلەشمىسىگە بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، بەزى تاراتقۇلار مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ گۇئاردىيولانى تالىشىش جېڭىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ھەمدە مانچېستېر شەھەر كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى پىللىگېرىنىنىڭ مۇشۇ يىل يازدا كوماندىدىن ئايرىلىشقا تەييارلىق قىلۋاتقانلىقىدەك خەۋەرلەرنى تارقاتقان ئىدى. بىراق مۇشۇ ۋاقىتتا مانچېستېر شەھەر كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ئەزاسى يايا تۇرېنىڭ ۋاكالەتچىسى گۇئاردىيولاغا «ھۇجۇم» قىلىپ، گۇئاردىيولادا ھېچقانداق «سېھرىي كۈچ» يوق دەپ قارىدى.
«قۇياش گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يايا تۇرېنىڭ ۋاكالەتچىسى دىمتىرى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى مەشقاۋۇل، ئۇ بارسېلونا ۋە بەيرېن كوماندىسىنى يېتەكلەپ چېمپىيون بولدى. بىراق مەن راست گەپ قىلسام، بارسېلونا بىلەن بەيرېن كوماندىسىنى مېنىڭ بوۋام يېتەكلىگەن بولسىمۇ ئۇلار ئوخشاشلا چېمپىيون بولالايتتى، چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىنلا ياخشى كۇلۇب، ئۇ كۇلۇبلاردا نۇرغۇنلىغان چولپانلار بار.»
دىمتىرى ئۆزىنىڭ بۇ سۆزىنى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ئىنرېكنى مىسالغا كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرۈپ «بارسېلونانىڭ مەشقاۋۇلى ئىنرېكقا قاراپ بېقىڭلار، ئۇ بارسېلونا كوماندىسىنى يېتەكلەپ بىرلەشمە ۋە ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى، مەن ئۇنى ياخشى مەشقاۋۇل ئەمەس دېمەيمەن، لېكىن، سىلەر دىققەت قىلدىڭلارمۇ-يوق؟ ئۇ رىم كوماندىسىدا ھېچقانداق نەتىجە قازىنالمغان.»
دىمتىرى يەنە «مەن گۇئاردىيولانىڭ بىرلەشمىدە سەككىزىنچى ياكى توققۇزىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بىر كوماندىنى يېتەكلەپ ئۇلارنىڭ چېمپىيون قىلىشىنى كۆرگۈم بار. بۇ مىنىڭ مەنچىنىنى مانچېستېر شەھەر كوماندىسىنىڭ ئەڭ ياخشى مەشقاۋۇلى دېيىشىمدىكى ئاساسلىق سەۋەب، پىللىگېرىنىمۇ ياخشى مەشقاۋۇل، ئۇ ئىككىيلەن ھەقىقەتەن ماختاشقا ئەرزىيدۇ. بىراق مەنچىنى مانچېستېر شەھەر كوماندىسنى قۇرۇپ چىقتى، ئۇ ھېچقانداق نامى چىقمىغان بىر كوماندىنى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈردى.»
دىمتىرىنىڭ مانچېستېر شەھىرىدە بەلگىلىك تەسىر كۈچى بار. چۈنكى ئۇ يايا تۇرې ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقاندا، دائىم مۇھىم خەۋەرلەرنى ئاشكارىلىغان. مەسىلەن: پۇتبول دۇنياسىدا پۇر كەتكەن «تۇغۇلغان كۈن تورت» ۋەقەسى تۈپەيلىدىن چىققان، يايا تۇرېنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىپ كوماندىدىن ئايرىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنىمۇ ئۇ ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئەنگلىيە پۇتبول ساھەسىنى بەك رەزىل، ناۋادا يايا تۇرې ئاق تەنلىك بولغان بولسا چوقۇم ئىنگلاند بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشەتتى، دەپ قارىغان. يايا تۇرېمۇ ئۆزىنىڭ بۇ ۋاكالەتچىسىنى ئاقلاپ: «مېنىڭ ۋاكالەتچىم دېگەن ھەرقانداق بىر سۆز مەن ئۈچۈن دېيىلىدۇ، ئۇنىڭ مەيدانى مېنىڭ مەيدانىم» دېگەن.
بىراق دىمتىرى يەنىلا يايا تۇرېغا گۇئاردىيولانىڭ كوماندىسىدا ئورۇن قالماسلىقىدىن ئەنسىرىگەن، ئۇ «مەن گۇئاردىيولانىڭ نېمە پىلانى بارلىقىنى بىلمەيمەن. بىراق بارسېلونادا يۈز بەرگەن ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇ كەلسىلا، يايا تۇرېنىڭ يەنە كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىمەن. مەيلى مەن بولاي ۋە ياكى يايا تۇرې بولسۇن، ھېچكىم بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىىشنى خالىمايدۇ. ئىلگىرى باشقا كۇلۇبلار ئۇنىڭغا توختام سۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ رەت قىلغان. چۈنكى ئۇ مانچېستېر شەھەر كوماندىسىنى ۋە مانچېستېر شەھەر توپ مەستانىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، مانچېستېر شەھىرىدىكى بارلىق كىشىلەرنى ياقتۇرىدۇ.»
دىمتىرى يەنە گۇئاردىيولا كەلگەندىن كېيىنكى مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسى ئۈچۈن غەم قىلىپ: «مېنىڭچە گۇئاردىيولا مانچېستېر شەھەر كوماندىسىغا كەلسە، چوقۇم نۇرغۇنلىغان ئىسپانىيەلىك پۇتبولچىلارنى يۆتكەپ كېلىپ، بۇ كوماندىنى يەنە بىر بارسېلونا كوماندىسى قىلىۋېتىدۇ. مەن بۇ كوماندىنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى بولغان كوماندا بولسىكەن دەپ قارايمەن» دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved