شى جىنپىڭ ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكارجى بىلەن كۆرۈشتى

شىنخۇا تورى، يېڭى دېھلى، 18-سېنتەبىر تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 18-سېنتەبىر يېڭى دېھلىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكارجى بىلەن كۆرۈشتى.


شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ مۇكارجىنىڭ مېنى ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغانلىقى ۋە ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ بىزنى دوستانە كۈتۈۋالغانلىقى ۋە ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. مەن بۇ قېتىمقى زىيارىتىم ئارقىلىق جۇڭگو-ھىندىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىسىنىڭ تولىمۇ ئۇزۇنلۇقىدىن، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇق مېھرىگە ئىگە ئىكەنلىكىدىن قاتتىق تەسىرلەندىم.

مەن ۋە ھىندىستان رەھبەرلىرى شۇنداق قارىدۇقكى، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى بولۇپ، ئىككىلىسى مىللىي گۈللىنىشنىڭ تارىخىي باسقۇچىدا تۇرماقتا، يەنە دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسىدىكى مۇھىم كۈچلەردىن، جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىككى دۆلەتكە، ئاسىياغا، دۇنياغا بولغان ئەھمىيىتى زور. جۇڭگو-ھىندىستان ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئار دوستلۇقىنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.


مۇكارجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈن، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭلى مودى مول مەزمۇنلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، نۇغۇنلىغان مۇھىم، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، نۇرغۇن تۈرلەردە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى، مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال. ھىندىستان-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ نوپۇسىنى قوشقاندا دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئىككى دۆلەت تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى زور. ھىندىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا غەمخورلۇق قىلىشىپ، ھەل قىلىنماي كەلگەن مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ تىنچلىق ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. ھىندىستان تەرەپ ئىقتىسادنىڭ تېز ئېشىشىنى تىرىشىپ ساقلاۋاتىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ھىندىستاننىڭ ئۇچۇر كەسپى، ياسىمىچىلىق، تۆمۈر يول، تاشيول، پورت قاتارلىق قاتناش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى زورايتىشىنى قارشى ئالىدۇ، ھىندىستان تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىغا ئەۋزەل مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ.


سۆھبەتتىن كېيىن، مۇكارجى شى جىنپىڭنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەردى، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ئەنسارى قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى نامدار ئەربابلار زىياپەتكە قاتناشتى. نەق مەيداندا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرى ئورۇنلاندى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قىزغىنلىق بىلەن سۆز قىلدى.



خەتكۈچلەر:
21-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
     ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پائۇل رۇئان 5–چېسلا مۇنداق دېگەن، ئۇنىڭ ترامپنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن 2016–يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قوللاشقا تېخى تەييارلىقى پۈتمەپتۇ. ...
07-05-2016
    تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنىتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ بىر نۇسخا خەۋىرىدە، ئىراق ساقچىسىنىڭ چارلاۋاتقان بىر پارچە سۈرىتىدە چوڭ يارقىن نۇقتا بار بولۇپ، سۈرەتتىكى ساقچى موتسىكىلىتى...
07-05-2016
    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ماي خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شوتلاندىيەدە 14 ياشلىق قىز پەيسلېي كوچىسىدا قاتتىق تاياق يىگەن، ئورىۋالغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھېچكىم ئوتتۇرىغا چىقىپ توسىمىغان، ھەتتا كۈلگەن ئاۋاز چىققان....
07-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى كراسنويارسىكدا ئاممىۋى ئاپتوبۇستا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى توسۇپ قېلىپ، خەلقئارالىق تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان بىر قا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، كانادا ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ماكمۇرراي بازىرى (Fort McMurray) ئەتراپىدىكى ئورمانلىققا تۇتاشقان ئوت داۋاملىق كۆيۈۋاتقان بولۇپ، ئورمانلىقتىن كۆتۈرۈلگەن ئىس-...
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تور دۇنياسىدا ئالەم بوشلۇقىنى باش تېما قىلغان تورتلار مودا بولغان بولۇپ، تورت ياسىغۇچىلار ئىجادچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ ئەڭ گۈزەل ھەم كۆركەم تورتلا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
07-05-2016
    ئامېرىكا گىئولوگىيە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ۋاقتى 7-ماي ئەتىگەن سائەت 6:18 مىنۇت ئۆتكەندە، مېكىسىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 ك...
07-05-2016
    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى 6- چېسلا مۇنداق باھا بەردى: «غەرب ئەللىرىدىكى ئاساسلىق شەھەر تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان شەھەر باشلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ <دەرىجىدىن تاشقىرى پەيشەنبە> دىكى تۈرلۈك سايلامل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
Powered by Leglek