سېئاتىلغا جايلاشقان مىكروسوفت شىركىتىنىڭ تەتقىقات مەركىزىدە، 40نەپەردىن ئارتۇق پۈتكۈل دۇنيا بويىچە ئەڭ قابىل IT «قاتىل »لىرى خىزمەت قىلىدۇ. بۇلار ھەريىلى مىكروسوفت ئۈچۈن زور مىقداردىكى بايلىق يارىتىپ بېرىشىدۇ، شېركەتمۇ ئۆزنۆۋىتىدە ئۇلارنى ئىنتايىن ئەلا مۇلازىمەت بىلەن كۈتىدۇ ۋە پاراۋانلىق سىياسىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
خادىملارنىڭ ئىجادىيلىق كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، مىكروسوفت بۇ ئالاھىدە خادىملار ئۈچۈن تولۇق دېگۈدەك ئەركىنلىك بەرگەن. بۇيەردە خىزمەت قىلسىڭىز ، ھەۋىسىڭىز تۇتۇپ قالغاندا خالىسىڭىز ۋاسكىتبول ئوينسىڭىزمۇ، چېنىقىش ئۆيىدە چېنىقسىڭىزمۇ، سۇ ئۈزۈش زالىدا سۇ ئۈزسىڭىزمۇ، قەھۋە ئېچسىڭىزمۇ ھەتتا مەخسۇس ئۇۋىلاش مەركىزىدە بەدەن ئۇۋىلاتسىڭىزمۇ بولىدۇ. پەقەت سىزلا خالىسىڭىزلا سىز پۈتۈنلەي خۇددى ئۆز ئائىلىڭىزدە تۇرغاندەك ئازادىلىك ھېس قىلىسىز. ئەگەر قانچىكى ئالاھىدە خادىم بولسىىز،شۇنچە كۆپ ۋە قالتىس ئەلا شارائىتتىن بەھرىمان بولىسىز. شېركەتنىڭ مۇنداق بىر قائىدىسى بار: شىركەت خادىملىرى دەل ۋاقتىدا ئىشقا چىقىشى ۋە چۈشۈشى كېرەك، ئەگەر ئىشقا چىقىش ۋاقتىغا ئازقالغاندا قەھۋە ئېچىۋاتقان بولسىڭىز، ئاخىرىنى شىركەتتە ئولتۇرۇپ ئېچىشىڭىز كېرەك.
بىراق بۇخىل ئازادىلىك خادىملارنى چېچىلاڭغۇ قىلىپ قويىدۇ، ئامېرىكىلىقلاركېچىلىك تۇرمۇشنى ياخشى كۆرگەچكە، خادىملار دائىملا خىزمەتكە كېچىكىپ قالىدۇ، بۇ ئىشنىڭ دەستىدىن مەسئۇل دىرېكتورنىڭ بېشى بەكلا قاتىدۇ.
كېيىنچە مەسئۇل دېرىكتۇرخىلىلا قاتتىق بولغان مۇكاپاتلاش -جازالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، خىزمەت يوقلىمىسىنى كۈچەيتمەكچى بولىدۇ. بىراق بىرەر كىشىمۇ بۇ تۈزۈمگە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. كېچىكىپ قالغاندا تەكەللۇپنى بىلىدىغانلىرى دىجۈرنى خادىمغا قاراپ دولىسىنى چىقىرىپ،كۈلۈمسىرەپ قويۇشسا، تەكەللۇپنى بىلمەيدىغانلىرى ھېچنىمە بولمىغاندەك ئۆتۈپ كېتىدۇ.
بىر قېتىم، بۆلۈم دېرىكتورى لەيت ئىسىملىك بىر يۇمشاق دېتال ئېنژىنىرىنىڭ مائاشىدىن كېچىكىش قېتىم سانىغا ئاساسەن 200دوللار تۇتۇپ قالىدۇ، لەيت بۇ ئىشتىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئاچچىقىدا بىراقلا ئىستىپانامە تاپشۇرىدۇ. بۇ ئىش چوڭىيىپ كەتكەندىن كېيىن، ھەتتا بېل.گېيتىسمۇ چۆچۈپ كېتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۆلۈم دېرىكتورى خاتا قىلمىغان، لېكىن لەيت ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش بۆلۈمى تەكلىپ قىلغان ئالاھىدە تالانت ئىگىسى ئىدى. ئامالسىزقالغان بېل.گېيتىس ئۆزى مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا لەيتنىڭ 200دوللار پۇلىنى تولۇقلاپ بېرىش ئارقىلىق بۇ ئىشنى بېسىقتۇرغان بولىدۇ.
لەيت شىركەتتە قىلىپ قالىدۇ، ئەمما ئىشقا كېچىكىش ئەھۋالى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟
بىركۈنى، بېل.گېيتىس چىملىقتا ئايلىنىپ يۈرگەندە، شېركەتنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا نەزەر تاشلاپ قالىدۇ. 50 ئورۇن بار ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا 40 نەچچە ماشىنا توختىتىلغان ئىدى، ئەمما يېقىن ئەتىراپتىكى مەلۇم كېچىك شېركەتنىڭ ماشىنا توختىتىش ئورنى يېتىشمىگەچكە، بەزىلەر ئامالسىز ماشىنىسىنى يىراق ئورۇندىكى يول ياقىسىغا توختىتىپ قويۇلغان ئىدى. بۇكۈزىتىشتىن كېيىن بېل.گېيتىسنىڭ كاللىسىدا بىرياخشى چارە يالت قىلىپ ئۆتىدۇ.
ئىككىنچى كۈنى،بېل.گېيتىس بۆلۈم دېرىكتورىغا ماشىنا توختىتىش ئورنىدىن 10نى سېتىۋىتىپ، پەقەت 40 ئورۇن قالدۇرۇپ قويۇشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
شۇكۈنى چۈشتىن ئاۋال سائەت 10دا، بىرقىسىم خادىملار بۆلۈم دېرىكتورىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ، ماشناتوختىتىش ئورنىنىڭ قالمىغانلىقىنى، ماشىنىسىنى قەيەرگە توختىتىشنى بىلەلمىگەنلىكى ھەققىدە ۋايسايدۇ.بۆلۈم دېرىكتورى ئۇستاتلىق بىلەن خىجىل بولغان ھالدا: ماشىنا توختىتىش ئورنىنى ئىجارىگە ئالغان، ۋاقتى توشتى، ئىجارىگە بەرگۈچى تەرەپ ئىجارە ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا قوشۇلمىدى، بۇ ئىشقا شېركەتنىڭمۇ ئامالى يوق -دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.
بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ئاجايىپ نەتىجە مەيدانغا كېلىدۇ. تەتقىقات مەركىزىدىكى 40 نەچچە خادىم شۇ ئىشتىن كېيىن كېچىكىپ قالمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ، چۈنكى كىم ئازراقلا كېچىكسە ماشىنىسىنى يول ياقىسىغا توختىتىشقا مەجبۇرى بولۇپ قالىدۇ-دە! ئەگەر بەكرەك كېچىكىپ قالغۇدەك بولسا تېخى يول ياقىسىمۇ قالمايتتى. بىرقېتىم بىرەيلەن ئىزىلەڭگۈلۈك قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ماشىنىسىنى شىركەتتىن بىر ئىنگىلىز مىلى يىراقلىقتىكى يول ياقىسىغا توختىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
شۇ ئىشلاردىن كېيىن مىكروسوفت تەتقىقات مەركىزىدە خادىملارنىڭ ئىشقا كېچىكىش ھادىسىسى يۈزبەرمەيدىغان بولۇپ كەتكەن.
«يېلىن» تورژۇرنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved