گۇماندارلار 50 يۈەنلىك پۇلنىڭ ئۈستىدىكى «يۈەن» دېگە خەتنى ئۇستىلىق بىلەن ئېلىۋېتىپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق «خاتا نەشىر قىلىنغان» خەلق پۇلىغا ئوخشىتىپ باشقىلارنى ئالدىغان. 12-ئاينىڭ 1-كۈنى شىشىياڭ ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى باشقىلارنى ئالداش جىنايىتى بىلەن جۇ X ۋە ۋاڭ X نى ئايرىم ھالدا ئىككى يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى ۋە ئىككى يىل ئىككى ئايلىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇپ 20 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇزىۋېتىلگەن خەلق پۇلىنى مۇسادىر قىلغان. باش سوتچىنىڭ ئېيتىشىچە، 44 ياشقا كىرگەن خېنەنلىك ئەر جۇ X قەدىمىي پۇللارنى ساقلاش كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، يېقىندىن بېرى سودىسى ئانچە ياخشى بولمىغاچقا «خاتا نەشىر قىلىنغان» خەلق پۇلى ياساپ چىقىپ ئالدامچىلىق قىلىش نىيتىگە كەلگەن. بۇ يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، جۇX ۋە ۋاڭX خەنجۇڭغا كېلىپ بىر قانچە قېتىم تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىككىيلەن ئۆز-ئارا ماسلىشىپ بىر دانە «خاتا نەشىر قىلىنغان» خەلق پۇلىنى بىر دۇكان خوجاينىغان 20050 يۈەنگە سېتىۋەتكەن ھەمدە پۇلنى ئالغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن. 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بۇ ئىككىيلەن شىشىياڭ ناھىيەسىدە يەنە ئوخشاش ئۇسۇل ئارقىلىق بىر دۇكان خوجايىنىنىڭ 12 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئېلىپ كەتكەن. بۇ ئىككى خوجايىن ئالدانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان.
بۇ يىل 6-ئايدا جۇ X ۋە ۋاڭ X يەنە بىر قېتىم باشقىلارنى ئالداي دەپ تۇرغاندا قولغا چۈشكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved