فىرانسىيەدە ئوقۇتقۇچىلار ۋە تاكسى شوپۇرلىرى ئىش تاشلايدىكەن

    فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيەدىكى ئوقۇتقۇچىلار، تاكسى شوپۇرلىرى ۋە ئاۋىياتسىيە باشقۇرغۇچى خادىملىرى قاتارلىقلار 26-يانۋار كەڭ كۆلەمدە ئىش تاشلايدىكەن. %20 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئىش تاشلاشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. ئىش تاشلىغۇچىلار ئاساسلىقى مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلىقنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئىسلاھات لايىھەسىگە قارشى تۇرۇپ، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىش ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 

   1-ئاينىڭ 26-كۈنى فىرانسىيەدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، ئاۋىياتسىيە باشقۇرغۇچى خادىملىرى ۋە تاكسى شوپۇر ئىش تاشلايدىكەن. ئۈچتىن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار، جۈملىدىن پۈتۈن فىرانسىيەدىكى تەخمىنەن 100 مىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى 26-يانۋار ئىش تاشلىماقچى بولغان. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئاساسلىق شىكايىتى بولسا ئىش ھەققى ۋە تەمىناتنى ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇش، ئۆزىنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولغان.

     شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىسمەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئىش تاشلىغان بولۇپ، ئۇلار فىرانسىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى Najat Vallaud Belkacem ئوتتۇرىغا چىقارغان ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ئىسلاھاتىغا نارازى بولغان بولۇپ، فىرانسىيە مائارىپ مىنىستىرلىكىدىن بۇ يىل 9-ئايدىكى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى دەرسلىكى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشنى تەلەپ قىلدىكەن.

پارىژدا ئىش تاشلىغان ئوقۇتقۇچىلار شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن يېرىم تۈگۈن ھالەتتە تىزىلىپ ئۇدا نامايىش قىلىپ فىرانسىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالدىغا بارىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، فىرانسىيە ئاۋىياتسىيە باشقۇرغۇچى خادىملىرىمۇ 26-يانۋار ئىش تاشلاپ، ئىش ھەققى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بويان ئۈزلۈكسىز ئاشقان ئىشتىن بوشىتىش قاتارلىقلارغا قارشى تۇرىدىكەن. ئون يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئاۋىياتسىيە ساھەسىدە 1000 ئىش ئورنى يوقاپ كەتكەن.

دەسلەپكى باسقۇچلۇق ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئىش تاشلايدىغان ئادەم سانى %20 نى ئىگەللەيدىكەن. فىرانسىيە ئاۋىياتسىيەسى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: نۆۋەتچى ئايروپىلان تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. ئەمما ياۋروپادىكى نۆۋەتلىك ئايروپىلان تەسىرگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، %80 نۆۋەتلىك ئايروپىلاننىڭ نورمال يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تاكسى شوپۇرلىرىمۇ ئىش تاشلاشقا قاتنىشىدىغانلىقى ئۈچۈن قاتناشقا تەسىر يېتىدىكەن.




خەتكۈچلەر:
26-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى ئاق سارايدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما (ئوڭدىن 1-كىشى) بىلەن جاخانا خايېس (ئوڭدىن 2-كىشى) ئامېرىكىنىڭ يىللىق ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى...
05-05-2016
    بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر شىمالىي قىسمىدىكى قورغان ئالېپپودا كەسكىن توقۇنۇشۇپ، ئۇرۇش توختىغىلى ئەمدىلا 10 ھەپتىدەك بولغان ۋەزىيەت ھالاكەتكە يۈزلەندى، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئال...
05-05-2016
    4- ماي كۈنى بولسا جۇڭگونىڭ ياشلار بايرىمى. ياشلىق دېگەن نېمە؟ گوۋۇيۈەن« دۆلەتلىك يىللىق بايراملار ۋە خاتىرە كۈنلىرى چارىسى» بويىچە ياشلار بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى بولسا 14 ياشتىن 28 ياشقىچە بول...
05-05-2016
    20 ياشتىن ئاشقان كورىيەلىك ياشلارنىڭ ھەممىسى ئۆز دۆلىتىنى «دوزاخ كەبى دۆلەت» دەپ قارايدۇ، جەمئىيەت ئەھۋالى ئارزۇ-ئۈمىدكە تولغان ئۇلارنى كەلگۈسىدە قايسى دۆلەتتە تۇرمۇش كەچۈرسە ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويغا...
04-05-2016
     5-ئاينىڭ 3-كۈنى، كىشىلەر ئېرۇسالىمدىكى بىن دېيۋىد سوراق قىلىنغان سوت مەھكىمىسى سىرتىدا تۇرۇپ ئېتىراز بىلدۈردى. 3-ماي، ئېرۇسالىم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 2014-يىلى شەرقىي ئېرۇسالىمدا پەلەستىنلىك ئۆسمۈر خۇدايىرنى قەس...
04-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە ھەربىي دائىرىلىرى يېقىندا ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتتە نەچچە ئونلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرى...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
04-05-2016
    ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ-6 پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، تۆت ئاساسلىق سىياسى پارتىيە ئارىسىدىكى قاتمال سىياسى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پارلامېنتنى تارقىتىۋ...
04-05-2016
    ياپونىيە 3-ماي تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنىڭ كۈچكە ئىگە قىلىنغانلىقىنىڭ 69 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدى، شۇ كۈنى 50 مىڭ ياپونىيە شەھەر ئاھالىسى توكيوغا يىغىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغداپ، خەۋپسىزلىك كاپالىتى قانۇنىنى بىكار ...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئافغانىستان Cevizcan رايونى، 17 نەپەر تالىبان ئەزالىرى ئافغانىستان دائىرىلىگە تەسلىم بولدى ھەمدە قوراللىرىنى تاپشۇردى.
Powered by Leglek