پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى دورتمۇند كۇلۇبىنىڭ باش مەشقاۋۇلى كروپ ئۆزىنىڭ كۇلۇپنىڭ ھازىرقى ناچار ھالىتگە كېلىپ قالغاندىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئۆزىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ئورنىدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈنۈگۈن 0-2 نەتىجە بىلەن فرانكو كۇلۇبىغا ئۇتتۇرۋەتكەندىن كېيىن ئالدىنقى پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ ئىككىنچىسى بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە نومۇر تاختىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرى بۇلۇپ قالدى. كىروپ ئۆزىنىڭ داۋاملىق دورتمۇندتا قالىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى.
كروپ مۇنداق دېدى:« ھازىر مەشقاۋۇللۇق ئورنۇمدىن ئالمىشىىغان نىيىتىم يوق. باشقىلار ماڭا بۇ توغۇرلۇق خەۋەر يەتكۈزىچە مەن يەنىلا دورتمۇند كۇلۇبىنىڭ باش مەشقاۋۇلى، مەن بۇ ئورنۇمدىن ئايرىلمايمەن. تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلى بارلىققا كەلۈچە مەن قەتئىي ئايرىلمايمەن.
كىروپ مەشقاۋۇللۇقىدىكى دورتمۇند كۇلۇبى ئىلگىرى 2011-يىلى ۋە 2012-يىللىق گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشكەنىدى. ھەم 2013-يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچىلىكىگە ئېرىشكەنىدى. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە دورتمۇند كۇلۇبى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشقش مۇسابىقىسىدە بىر ئايلانما بۇرۇن كىچىك گۇرۇپپىدىن چىقىپ 16 كۈچلۈككە كىردى. بىراق دۆلەت ئىچىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدە 13 ئايلانمىدا ئاران 11 نومۇر ئېلىپ نومۇر تاختىسىنىڭ كەينىدىن سانىغاندا بىرىنچىسى بۇلۇپ قالدى.
«ئەگەر بۇ پەقەت تەلەي مەسىلىسى بۇلۇپ مەشقاۋۇل ئالماشتۇرسا ياخشى ئامەت ئېلىپ كېلىدىغان ئىش بولسا مەن بۇ ئورنۇمدىن ۋاز كېچىمەن.» كىروپ تۇلۇقلاپ شۇنداق دېدى.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved