2015-يىلى 50-ھەپتە، يەنى يىل ئاخىرىدىكى ئىككىنچى بېلەت كىرىمى ئاۋىئاماتكىسى «پىلانىتلار ئۇرۇشى7» مەيدانغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى بىر ھەپتە، يەرشارى كىنو بازىرى سۈكۈتكە چۆمدى، يارقىن نۇقتا ئاز بولدى. «ئاچلىق ئويۇنى3» ئۇدا تۆت نۆۋەت چېمپىيون بولدى، يەرشارى بېلەت كىرىمى جۇغلانمىسى 564.6 مىلىيون دوللارغا يېتىپ، يىللىق ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىردى. «ياخشى دىنازاۋور» ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرىشنى ساقلاپ قالدى، «دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرى» 2015-يىلى ئۈچۈن يەنە بىر كۈچ قوشتى.
مۇشۇ ھەپتە فرانسىيەنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يەرشارىدا جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى، ھىندىستان ۋە گرېتسىيەدىن سىرت، بارلىق بازىرى بىر ھەپتە ئىچىدە «پىلانىتلار ئۇرۇشى7» نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. چوڭ قوشۇن يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، «ئاچلىق ئويۇنى 3» 26.70 مىلىيون دوللار بېلەت كىرىمىگە ئېرىشىپ، تۆت ھەپتە ئۇدا چېمپىيون بولۇشنى ئورۇندىدى. نۆۋەتتە يەرشارى جۇغلانما بېلەت كىرىمى 564.6 مىلىيون دوللارغا يەتتى. «ئاچلىق ئويۇنى» نىڭ تۆت بۆلۈمىنىڭ يەرشارى جۇغلانما بېلەت كىرىمى 2.88 مىلىيارد دوللار بولۇپ، 3 مىلىياردتىن بۆسۈپ ئۆتەلمىدى. نۆۋەتتە بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئالتە بازار، ئەنگىلىيە 36.20 مىلىيون، گېرمانىيە 36.20 مىلىيون، جۇڭگو 22.10 مىلىيون، مېكسىكا ۋە فرانسىيە 18.20 مىلىيون، ئاۋىستىرالىيە 18.10 مىلىيون، ئىلگىرىكىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا گېرمانىيەدە ئازراق ئېشىش بولغان، باشقىسى ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ قالغان.
«ياخشى دىنازاۋور» نىڭ يەرشارى ھەپتە ئاخىرى بېلەت كىرىمى 24.80 مىلىيون دوللار بولۇپ، ئۇدا ئۈچ ھەپتە ئىككىنچى بولدى. خەلقئارا بازار 14.30 مىلىيون دوللار تۆھپە قوشتى، چۈشۈش نىسبىتى ئاران %26 بولدى. ئەنگىلىيەنىڭ چۈشۈش نىسبىتى %22 بولۇپ، جۇغلانما 101.10 مىلىيون بېلەت كىرىمى قىلدى، بۇ نۆۋەتتىكى چەتئەلدىكى ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمى ياراتقان دۆلەت، گېرمانىيە (چۈشۈش نىسبىتى %12، جۇغلانما 3.50 مىلىيون دوللار)، فرانسىيە (چۈشۈش نىسبىتى %15، جۇغلانما 8.10 مىلىيون دوللار)، مېكسىكا (چۈشۈش نىسبىتى %29، جۇغلانما 8.70 مىلىيون دوللار)، ئۈزلۈكسىز چۈشۈش ھالىتىنى ساقلىدى. نۆۋەتتە يەرشارى جۇغلانما بېلەت كىرىمى 168 مىلىيون دوللار،
![]() |
ئامېرىكا Quora تور پونكىتى تورداشلاردىن «مېھمانخانا تەرەپ قايسى ئىشلارنى خېرىدارلارغا دەپ بەرمەيدۇ؟» دەپ سوئال سورىغان.
تورداشلار تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەرگەن:
1. ئاساسەن ھەر بىر مېھما...
|
![]() |
ئادىل غوجالىم
‹‹ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق›› شىنجاڭ جۇغراپىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى. بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى، تارىم ئويمانلىقى، تەڭرىتاغ، جۇڭغار ئويمانلىقى، ئالتاي تاغلىرى بار.
&...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved