نېمە ئۈچۈن بەڭباش ساۋاقداشلار خوجايىن بولۇپ كەتتى؟

        ساۋاقداشلار يىغىلىشى قاتناشقاندا، ئۇزۇندىن بېرى كۆرمىگەن ساۋاقداشلارنى كۆرگەندە يېقىنقى ئەھۋالى توغۇرلۇق پاراڭلىشىمىز، شۇ ۋاقىتتا ھېس قىلدىڭىزمۇ، بۇرۇن دەرسكە دىققەت قىلمايدىغان، ئىمتىھاندا يا ئۇخلايدىغان يا باشقىلارنىڭ قەغىزىنى كۆچۈردىغان ساۋاقداشلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر خوجايىن بولۇپ كەتكەن. بۇرۇن دەرسىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلايدىغان تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا ئىشلەيدىغان ياخشى ئوقۇغۇچىلار قورسىقىنى باققىدەك مائاشنىلا ئېلىپ، ئۆي ماشىنىنىمۇ ئالالماي يۈرگىنىنى، ئەھۋالنىڭ شۇنچە پەرقلىقلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدىڭىزمۇ؟ ياخشىراق ئويلىنىپ باقسىڭىز بۇنىڭ جاۋابى بۇ بىرقانچە سەۋەپتە بولىدۇ.


1. نەتىجىسى ناچار، بەڭباش ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈزى قىلىنراق بولىدۇ.

    سودىدا بولسۇن ياكى شىركەت ئېچىشتا بولسۇن يۈزى قېلىنراق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىرمو، بىرپۇڭلۇق پايدىنى دەپ كىشىلەرگە يېپىشۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بەتىجىسى ناچار، بەڭۋاش ئوقۇغۇچىلار كىچىكىدىنلا تەنبىھنى تولا ئىشتىپ يۈزى قېلىنراپ قالغاچقا، بۇنداق ئىشلارغا كەلگەندە ئەيمىنىپ كەتمەيدۇ. لېكىن دەرستە ياخشى، گەپ ئاڭلايدىغان ئوقۇغۇچىلار كىچىكىدىنلا باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەچكە ئازراق تەنبىھنى ئاڭلاپ قالسا يەرنىڭ تېگىگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كېتىدۇ.سىزنىڭ ئۇنى باشقىلارغا يالۋۇر دېگىنىڭىز ئۇنىڭ جېنىنى ئالغىنىڭىز ياخشى.

2. نەتىجىسى ناچار، بەڭباش ئوقۇغۇچىلار ئوڭۇشسىزلىقتىن قورقمايدۇ

سودىدا بولسۇن ياكى شىركەت ئېچىشتا بولسۇن ئىزچىل ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەتمەيدۇ. بىر قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ توختاپ قالسىڭىز، سىز مەڭگۈ مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمايسىز، نەتىجىسى ناچار، بەڭباش ئوقۇغۇچىلار كىچىكىدىن باشلاپلا ئىمتىھانلاردا نۇرغۇن قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ باققان. شۇڭا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش ئۇلار ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش، ئۇلار ئوڭۇشسىزلىقتىن ئۇچراشتىن چۈشكۈنلىشىپ كەتمەيدۇ.شۇڭا مۇۋاپىققىيەت قازىنالايدۇ. لېكىن دەرستە ياخشى، گەپ ئاڭلايدىغان ئوقۇغۇچىلار كىچىكىدىنلا مۇۋاپپىقىيەت ئارىسىدا چوڭ بولغاچقا، ئازراق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىلا بېشىنى كۆتۈرەلمەي، ئۆزىنى تۈزىۋالالمايدۇ.


3. نەتىجىسى ناچار، بەڭۋاش ئوقۇغۇچىلار تەۋەككۈل قىلىشقا دادىل بولىدۇ.

خەتىرى قانچە چوڭ بولغان ئىشنىڭ پايدىسىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ، نەتىجىسى ناچار، بەڭۋاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا تەۋەككۈل قىلىش روھى بولىدۇ. ھەرقېتىم بەڭباشلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالسىمۇ، لېكىن ئۇلار شۇنىڭدىن ئېرىشكەن خۇشاللىقنى قويۇپ قويالمايدۇ. لېكىن دەرستە ياخشى، گەپ ئاڭلايدىغان ئوقۇغۇچىلار كىچىكىدىنلا ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ماڭىدىغان يولى ئاتا-ئانىسى ياكى ئوقۇتقۇچىسى تەرەپتىن بەلگىلۋېتىلگەن بولغاچقا ئۇلارنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى كەمچىل، بولۇپلا قالماستىن تەۋەككۈل قىلىش روھى تېخىمۇ كەمچىل بولىدۇ.


4.نەتىجىسى ناچار بەڭۋاش ئوقۇغۇچىلار ۋىجدانلىق كېلىدۇ

شېركەت قۇرۇپ باشلىق بولغان ئادەم باشقىلارنى ئىتپاقلاشتۇرۇشقا خادىملارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ماھىر بولۇش كېرەك. ئويلاپ بېقىڭ، ئەگەر بىرخادىم خاتالىق سادىر قىلغاندا بىر باشلىق بولغان ئادەم ئۆزىنىڭ خادىمىنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ ، ئۇنىڭ بېسىمى يەڭگىللەتسە كىم بۇ كىشىگە تەشەككۈر ئېيتىپ تېخىمۇ ياخشى ئىشلىمەيدۇ. لېكىن دەرستە ياخشى گەپ ئاڭلايدىغان ئوقۇغۇچىلار كىچىكىدىنلا ئىش تېرىپ قويۇشتىن قېچىپ، ھەتتا بەزىلىرى باشقىلارنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى تېپىپ مۇئەللىمگە چېقىپ ئۆزىنى كۆرسەتكەچكە ، بۇنداق ئادەم ئەگەر خوجايىن بولساكەچكىچە خادىملىرى بىلەن ئېتىشىپ خادىملارنى بىزار قىلىدۇ. بۇنداق بولسا كىمنىڭ بۇيەردە ئىشلىگۈسى كېلىدۇ؟شىركەت بىرەر خەتەرگە يولۇقسا ھەممىسى كۈدە كۆپىسىنى كۆتۈرۈپ قاچىدۇ.

مۇنداق بىر تەمسىل بولۇپ«بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم»بۇنىڭدا دىمەكچى بولغىنى شۇ ئادەمنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئىپادىسىگە قاراپ چوڭ بولغاندا قانداق ئادەم بولدىغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. دېمەكچى كىچىكىدىنلار گەپ ئاڭلايدىغان بالا چوڭ بولسا شۇ تەرتىپ بويىچە بىرخىزمەتنىلا قىلىدۇ. بولۇپمۇ «تۆمۈر تاۋاق»قا ئېرىشىۋېلىپلا ئولتۇرىدۇ. كىچىكىدىلا بەڭۋاش بالا غەلىتە باشقىلار ئويلاپ باقمىغان خىياللارنى قىلغاچقا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزى ئىگىلىك تىكلەيدىغانلار كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ.



خەتكۈچلەر:
15-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: باغداش تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىتالىيەلىك بىر ئەر «ئۆي ئىشى قىلمىغانلىق» سەۋەبى بىلەن ئۆزىنىڭ ئايالىنى سوتقا ئەرز قىلغان. ئەگەر ئايالنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 6 يىللىق قاماق جازاسىغا...
07-02-2016
         ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ غەربىي يورك ۋىلايىتىدىكى خۇددېرسفيېلد ۋوگزالىدا بىر داڭلىق «چارلىغۇچى مۈشۈك» بار بولۇپ، بەش يىلدىن بېرى ئۇ ئىزچىل ھالدا...
06-02-2016
      كىشىلەر ھازىر ئاللىقاچان ئۆز تارتىم سۈرەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا بۆسۈپ كىرگەنلىكىگە كۆنۈپ كەتتى. ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشقا قارىتا كۆز قاراش ئوخشاش ئەمەس، لېكىن نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغىنى ئۆزىنى سۈرەتك...
06-02-2016
      تاراتقۇلارنىڭ رۇسىيە لىۋادا خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجە دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر بېرىشىچە، %72 رۇسىيەلىك جۇڭگوغا نىسبەتەن ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدىكەن. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-...
06-02-2016
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ ئىستىرېئولوق ئاپپارات يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى مىكرو ئاپپارات سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
06-02-2016
     قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دەرىغە نۇر سۇلتان قىزى نەزەربەيىۋا 5- فېۋرال، جۇڭگو ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلماقتا، قازاقىستانلىقلار خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەك ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردىمى بولىدۇ دې...
06-02-2016
            تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
06-02-2016
        بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى خاك تۈنۈگۈن: يېقىندا ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە تىنچلىقنى ساقلاش خادىملىرى پۇقرالارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش شىكايىتىگە چېتىلىش ئەھۋاللىرى...
06-02-2016
         تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ، بېيجىڭ ساقچى تەرەپ شەھەر بويىچە قۇلۇپ كەسپى نام-ئىسىملار خاتىرىسى تۈزۈمى بويىچە ئا...
06-02-2016
          2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى برازىلىيە سان پاۋلودا شادلىق بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى، سامبا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئارتىسلىرى سان پاۋلو شاتلىق بايرىمىدىكى نامايىشقا قاتناشتى.
Powered by Leglek