مېتال گەۋدىلىك GALAXY S5 گە GALAXY Alpha دەپ ئىسىم قويۇلىدۇ

مېتال گەۋدىلىك سامسۇڭ GALAXY F يانفونىنىڭ خەۋىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئاز بولمىغان ئىستېمالچىلارنى ئۆزىگە قاتتىق جەلىپ قىلىۋالدى، ئۇ ھەقتە تارقالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، GALAXY F يانفونى بۇ يىل 9-ئايدا رەسمىي ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.


بىراق، كورىيەدىكى star.mt تاراتقۇسىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە دىيىلىشىچە، سامسۇڭ شىركىتى بۇ يېڭى نۇسخىدىكى بايراقدار مەھسۇلاتقا GALAXY Alpha دەپ ئىسىم قويىدىغان بولۇپ، 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلان قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا كۇۋالكوم 805 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 2K لىق كۆرسىتىش ئىكرانى سەپلىنىدىغان بولۇپ، ياۋروپا قاتارلىق خەلقئارالىق بازارلاردا ماس قەدەمدە ئالدىن سېتىشنى يولغا قويىدىكەن.


GALAXY S5 نىڭ دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان نۇسخىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، GALAXY F گە يەنە GALAXY S5 prime دەپمۇ ئىسىم قويۇلغان، ئۇنىڭ ئاشكارىلانغان رەسىمدە «9-ئاينىڭ 12-كۈنى» دىگەن چىسلا كۆرسىتىلگەن بولغاچقا، تەھلىلچىلەر بۇ يانفوننىڭ 9-ئايدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلىگەن. بىراق، ھازىرقى ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا قارىساق، بۇ يانفونغا GALAXY Alpha دەپ ئىسىم قويۇلىدىغان بولۇپ، بالدۇر بولغاندا 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلان قىلىنىدىكەن، ئەڭ مۇھىم تەرىپى، بۇ يانفونغا ئىستېمالچىلار ئۇزۇندىن بېرى تەقەززا بولۇپ كەلگەن مېتال قاپ سەپلىنىدىكەن.


گەرچە بۇ خەۋەرلەر سامسۇڭ شىركىتىنىڭ دەلىللىشىدىن ئۆتمىگەن بولسىمۇ، بىراق، بۇنىڭغا ئوخشاش مىش-مىش پاراڭلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. SamMobile تور بېكىتىنىڭ باش تەھرىرى Faryaab Sheikh يېقىندا تىۋىتتېر مىكروبىلوگ ئۇچۇرى ئېلان قىلىپ، سامسۇڭ GALAXY F يانفونىغا GALAXY Alpha دەپ ئىسىم قويۇلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدا «GALAXY Alpha» ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ بولغانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان، قارىغاندا، ئالىي دەرىجىلىك نۇسخىدىكى GALAXY S5 يانفونىغا ھەقىقەتەن GALAXY Alpha دەپ ئىسىم قويۇلىدىغان ئوخشايدۇ.



خەتكۈچلەر:
16-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
18-05-2016
ئالما شىركىتى CEO سى تىم كۇك تۈنۈگۈن بېيجىڭغا كەلدى. ۋاڭفۇجىڭدىكى ئالما ئىجادكارلار ئۇچرىشىشىدا، كۇكنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جۇڭگودىكى ئىجادكارلار ئالما ئەپ دۇكىنىدىكى ھەقلىق چۈشۈرۈشتە ياراتقان كىرىمى 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن...
17-05-2016
ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 5- ئاينىڭ 16- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ساقچىلار 5- ئاينىڭ 16- كۈنى 16 ياشلىق بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۈستىدىن ئەرز قىلغان، چۈنكى ئۇ ئوساكا شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇلازىمېتىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر...
17-05-2016
    كۆپ يىللاردىن بۇيان ئايفوننىڭ سۈپىتى كىشىلەر تەرىپىدىن تەرىپلىنىپ كەلدى، گەرچە ھەر يىلى يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئايفونلاردا ئۇنداق ياكى مۇنداق كىچىك مەسىلىلەر ساقلانغان بولسىمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن چوڭ مەسىلە كۆرۈلمىدى. بىراق...
17-05-2016
 appleinsider دوكلاتىغا قارىغاندا، ئەڭ يېڭى تەتقىقات مۆلچەرىدە كۆرسىتىلىشچە، ئالما شىركىتى 2018-يىلى OLED ئەگرى ئېكران سەپلەنگەن iPhone نى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. سېتىش مىقدارى 100 مىليون دانىگە مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، شۇ يىلدى...
17-05-2016
چەتئەل ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، كەيىس كولىمان (Chase Coleman)نىڭ قوش فوندى يولۋاس دۇنياۋى فوندى (Tiger  Management) ئىلكىدىكى جىڭدۇڭ، ئامازون، ئالما قاتارلىق ئۈچ چوڭ تېخنىكا شىركىتىنىڭ پېيىنى ئازايتقان.  شۇ يەر ...
17-05-2016
ۈگۈن ئالما iOS 9.3.2 يېڭىلاش بولىقىنى رەسمىي تەۋسىيە قىلىپ يوللىدى، يېڭىلاش مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇ نۇسخىدا تېخىمۇ كۆپ بولغىنى يەنىلا بىر قىسىم بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئوڭشالغان، iPhone SE نىڭ كۆك چىش مەسىلىسى ۋە تۇراقلىقلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئ...
17-05-2016
مەركىزىي رادىيو ئىستانسىسى تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ گۇگىل ئىزدەش موتورىغا قارىتا ئېلىپ بارغان 7 يىللىق مونوپول قىلىشقا قارشى ت...
17-05-2016
5-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كوك (ئوتتۇرىدا) بېيجىڭ ۋاڭ فۇجىڭ ئالما پارچە سېتىش دۇكىنىدا، جۇڭگودىكى ئەپ ئاچقۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىغا قاتناشتى، شۇنداقلا جۇڭگودىكى يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلار بىلەن سۆ...
16-05-2016
«شۋېيتسارىيە سودا گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 8-مايدىكى خەۋىرى: دۇنيادىكى قىممىتى ئەڭ يۇقىرى يېڭى قۇرۇلغان ئون چوڭ كارخانىنىڭ تارىخى ئۇزاق ئەمەس، بىراق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، ئۇ ئون چوڭ كارخانا ئىچىدە ئۈچى جۇڭگو كارخانىسى. 1. «يۇبېر»: ...
16-05-2016
ۋۇخەن شەھەرلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى خۇاڭ كاڭكاڭ كەشىپ قىلغان سائەت 9-ماي پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى. بۇ سائەت باغلاتما (كۆك چىش) ئەندىزىسى ئارقىلىق ئاتا-ئانا بىلەن بالىغا بىردى...
Powered by Leglek