جوڭشىن تورى 11-ئاينىڭ 27 –كۈنىدىكى خەۋىرى ،مۇشۇ-ئاينىڭ 26-كۈنى ،ئېران ساقچى تەرەپ بىر تىلەمچىنى قولغا ئالدى، ھەمدە ئۇنىڭ يانچۇقىدىن نەچچە ئون مىڭ خەلق پۇلى بايقالدى،ئۇنىڭدىن كېيىنلا ئۇ تىلەمچىنىڭ بانكا ھېساۋاتىدا تېخىمۇ كۆپ پۇل بارلىقىنى بايقىغان..
خەۋەردە دېيىلىشىچە،ئېراننىڭ شىمالىي قىسمىىكى بىر شەھەردە، ساقچىلار سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر نەپەر تىلەمچىنى قولغا ئالغان ،ئۇنىڭ يېنىنى تەكشۈر
گەندە، ئۇنىڭ يانچۇقىدىن 25 مىڭ خەلق پۇلى بايقالغان.
ئارقىدىنلا ساقچى تەرەپ ئۇنىڭغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ،بۇ تىلەمچىنىڭ 2 تال بانكا ھېساۋات نۇمۇرى بارلىقىنى ،ھېساۋات ئىچىدە 47550 ئامېرىكا دوللىرى بارلىقىنى بايقىغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە،ساقچى تەرەپ بۇ تىلەمچىنىڭ قانداق قىلىپ بۇ پۇللارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان،بىراق ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان،كېيىن بۇ پۇللارنى جەمىئيەت پاراۋانلىقىغا ئىشلىتىدىكەن.
ئاۋۋالقى ئايدا،ئېران زۇڭتۇڭى روھانى كوچىلاردىكى تىلەمچىلەرنى تازىلاش توغرىسىدا بويرۇق چۈشۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved