فىرانسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى 28-دېكابىر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: لىۋىيەنىڭ جەنۇبىي قىسىمى تېررورچىلار ھەرىكەت قىلىدىغان مەركەزگە ئايلاندى. ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن بازا تەشكىلاتى قاتارلىق ئىلگىرى بىر بىر بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغان ئەسەبىي تەشكىلاتلار لىۋىيەدە بىرلەشتى. ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە لىۋىيەنىڭ قوشنا دۆلەتلىرى 2015-يىلى بىخەتەرلىكىكە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى كېرەك.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا يەر دېڭىزى رايونىدا بۇنداق تېررورچى تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىغا تەھىدىد يەتكۈزدى، شۇنداقلا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە قاتناشقان فرانسىيەلىكلەرمۇ فىرانسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved