مۇخبىرنىڭ دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2016 – يىلى دۆلىتىمىز ‹‹يىپەك يولى ساياھەت يىلى››نى داۋاملىق ساياھەت تەشۋىقات باش تېمىسى قىلىپ، ‹‹يىپەك يولى جۇڭگو سەپىرى››، ‹‹يىپەك يولىنى ساياھەت قىلىپ، گۈزەل جۇڭگودىن ھۇزۇرلىنايلى››، ‹‹سىرلىق يىپەك يولى، گۈزەل جۇڭگو ئارزۇسى››نى تەشۋىقات شوئارلىرى قىلىدىكەن.
‹‹گۈزەل جۇڭگو – 2015 – يىللىق يىپەك يولى ساياھەت يىلى››نىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ يىل جايلاردىكى ساياھەت تارماقلىرى يىپەك يولى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، پائال تەشۋىق قىلىپ، كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ساياھىتىدىن ئىبارەت داڭلىق ماركىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، يىپەك يولى ساياھىتى خەلقئارا ھەمكارلىقىدا باسقۇچلۇق نەتىجىگە ئېرىشتى. ھازىر ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ساياھەتچىلىك ساھەسىدە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يىپەك يولى خاس ساياھەتچىلىكىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم ۋەزىپە . يىپەك يولى خاس ساياھەتچىلىكىنى مەركەزلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، 2016 – يىللىق جۇڭگو ساياھەت يىلىدا ‹‹يىپەك يولى ساياھەتچىلىكى›› نۇقتىلىق تەشۋىق قىلىنىدۇ.
دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ئېلىمىز ساياھىتىدىكى خاس داڭلىق ماركا. ‹‹يىپەك يولى ساياھەتچىلىكى››نى باش تېما قىلىش خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە بازارنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا پايدىلىق.
ئىگىلىنىشىچە، جايلار خەلقئارا ساياھەت ئىستېمالىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكى ۋە يېڭى يۈزلىنىشىگە ئاساسەن، خەلقئارا بازارنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشقان مول مەزمۇنلۇق يىپەك يولى ساياھەت يېڭى مەھۇلاتلىرىنى ئېچىپ، ئېلىمىز ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرىدىكەن.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved