شىنجاڭ تورى خەۋىرى : 2015-يىلى شىنجاڭدىكى 15 ئايرودۇرۇم خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ جەمئىي 141 مىليون 720 مىڭ يۈەن تولۇقلىما پۇلىغا ئېرىشىدۇ ، بۇ تولۇقلىما پۇل مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا ئەڭ كۆپ ئاجرىتىلغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ئايرودۇرۇمىغا 16 مىليون 290 مىڭ يۈەن بېرىلىپ ، مەملىكىتىمىزدىكى تولۇقلىما پۇلغا ئېرىشىدىغان 146 ئايرودۇرۇم ئىچىدە تولۇقلىمىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشىدىغان ئايرودۇرۇم بولۇپ قالىدۇ .
جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى تورى 8-دېكابىر خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 2015-يىللىق خەلق ئاۋىياتسىيەسى كىچىك ئايرودۇرۇملىرى تولۇقلىما پۇل خامچوت لايىھەسىگە ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان ، 2015-يىلى دۆلىتىمىزدىكى 146 ئايرودۇرۇم تولۇقلىما پۇلغا ئېرىشىدىغان بولۇپ، تولۇقلىما پۇل سوممىسى جەمئىي 1 مىليارد 211 مىليون 130 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن . تولۇقلىما پۇل سوممىسى بويىچە ئالدىنقى ئۈچ رەتتە تۇرىدىغان ئۆلكىلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنجاڭ ، ئىچكى موڭغۇل ۋە سىچۇەن بولۇپ ، 141 مىليون 720 مىڭ يۈەن ، 132 مىليون 980 مىڭ يۈەن ۋە 112 مىليون 470 مىڭ يۈەن بېرىلىدىكەن .
سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، 2013-يىلى شىنجاڭدىكى خەلق ئاۋىياتسىيەسى كىچىك ئايرودۇرۇملىرى جەمئىي 63 مىليون 510 مىڭ يۈەن تولۇقلىما پۇلغا ئېرىشكەن ، بۇ سان بۇ يىل 134 مىليون 100 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ ، كېلەر يىلى داۋاملىق تۈردە 141 مىليون 720 مىڭ يۈەنگە ئاشىدىكەن .
نۆۋەتتە ، شىنجاڭدا جەمئىي 16 ئايرودۇرۇم بار ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ، كىچىك ئايرودۇرۇمغا تەۋە بولمىغان ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن باشقا 15 ئايرودۇرۇمغا بىردەك بۇ پۇل تارقىتىلىدىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ، كورلا ، ئاقسۇ ، خوتەن ، غۇلجا ئايرىم-ئايرىم ھالدا تولۇقلىما سوممىسى جەھەتتە ئالدىنقى بەش ئورۇندا تۇرىدىكەن ، شۇنداقلا 10 مىليون يۈەندىن كۆپ تولۇقلىما پۇل تارقىتىلغان بەش ئايرودۇرۇم ھېسابلىنىدىكەن . باشقا قومۇل ، ئالتاي ، چەرچەن ئايرودۇرۇمى قاتارلىق ئون نەچچە ئايرودۇرۇمغا 9 مىليون 760 مىڭ يۈەندىن 5 مىليون 700 مىڭ يۈەنگىچە تولۇقلىما پۇل تارقىتىلىدىكەن .
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved