17-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ، شىنجاڭ ئالاقە تور ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى ئويۇشتۇرغان ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ھەر قايسى تاراتقۇلار، تور بېكەتلىرى ھەمدە تور مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئىشتىراك قىلىدىغان ئىدارە-ئورۇنلار ۋە تور ئىگىلىرى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان 2014-يىللىق شىنجاڭ تور مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى .
بۇ نۆۋەتلىك تور مەدەنىيەت بايرىمىدا ، تەكلىماكاندا توي ، كونا-يېڭى سۈرەتلەر ، 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ مىكرو ھېكايە فىلىم بايرىمى ، شىنجاڭ ئىتوت مۇسابىقىسى ، ئاقسۇدا ئالما قىزاردى ، يان تېلېفوندىن قىزىلسۇغا نەزەر ، ئىلى تەسىراتلىرى، نەزەرىمىزدىكى شىنجاڭ قاتارلىق 22 يۈرۈشلۈك پائالىيەت 2014-يىلى 3-ئايدىن 12-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ قانات يايدۇرۇلۇپ ، تور مەدەنىيىتى كاتتا كۆرىكى كۆچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلىدۇ .
2014-يىللىق شىنجاڭ تور مەدەنىيەت بايرىمىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تور مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش نىشان قىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى يېزا-كەنتلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا ، ئامما ياقتۇرىدىغان تور مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلىدۇ ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىپ ۋە يېتەكلەپ ، تور مەدەنىيەت بايرىمىنى مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى چوڭ سەھنىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ .
بۇ نۆۋەتلىك تور مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا 2013-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ تور مەدەنىيەت بايرىمىدا ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخىسلەر تەقدىرلەندى . تەڭرىتاغ تورى ئويۇشتۇرغان ‹‹ ھەي ، مەن شىنجاڭلىق ›› تۇنجى نۆۋەتلىك تور مەدەنىيەت بايرىمىدىكى ‹‹ ئەڭ ياخشى تور مەدەنىيەت پائالىيىتى ›› بولۇپ باھالاندى . ئىلى ، قاراماي ، ئاقسۇ ، قىزىلسۇ قاتارلىق تۆت ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈمى تۇنجى نۆۋەتلىك تور مەدەنىيەت بايرىمىدىكى مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . بۇنىڭدىن باشقا ‹‹ شىنجاڭ ئۈچۈن سۆزلەيمەن ›› ، شىنجاڭ چاقچاقچىلار مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەردە تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان تاڭ يى ، ھەبىبۇل غۇلام ، دىلشات قۇدرەت ، خې شىنشې قاتارلىق شەخىسلەر تەقدىرلەندى .
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved