سىۋاسنىگىرنىڭ يېڭى فىلىمى « بۇزغۇنچى» مۇشۇ ھەپتە قۇيۇلىدۇ

ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

ۋاڭيى تاماشاسى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى خەۋىرى. 4-ئاينىڭ 24-كۈنى چوڭ قۇرۇقلۇقتا قۇيۇلىدىغان ھوللىۋود 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلىك فىلىم « بۇزغۇنچى » يېقىندا ئاخىرقى تەشۋىقات فىلىمى ۋە ئېلان رەسىمىنى ئېلان قىلدى. تەشۋىقات فىلىمى ئالدىنقى نەچچە قېتىمقى تەشۋىقات فىلىمىگە ئوخشاش ئوت ئۇچقۇنغا تولغان دەھشەت كۆرۈنۈشلەرنى ئاساس قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇچقۇن يامغۇرى قوشۇلغان بۇلۇپ بۇ ھەرىكەتچان فىلىمنىڭ قالتىسلىقىنى نامايەن قىلغان. نەچچە كۈن بۇرۇن ئارنولد سىۋاسنىگىر « بۇزغۇنچى» فىلىمى بىلەن بېيجىڭ خەلقئارالىق كىنو بايرىمىدا مەيدانغا چىقىپ بۇ فىلىمنى تەشۋىق قىلغان بولدى. « بۇزغۇنچى » فىلىمى بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى كىنوخانىلاردا قۇيۇلىدۇ.

سىۋاسنىگىر پۈتۈن يەر شارىدىكى كىنو مەستانىلىرى قەلبىدىكى تەۋرەنمەس ھەرىكەتچان فىلىم چولپىنى. بۇ قېتىمقى فىلىم « بۇزغۇنچى » دا سىۋاسنىگىر ئىلگىرىكى ئادالەتپەرۋەر قەھرىمان ئوبرازى بىلەن خوشلىشىپ زەھەر چەككەنلەرنى تۇتۇش ياللانما ئەسكەر توپى « بۇزغۇنچى » نىڭ ئەترەت باشلىقى ئوبرازىنى يارىتىپ سېسىق نامى پۇر كەتكەن زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھى ئولگارس بىلەن ھايات ماماتلىق ئۇيۇن ئوينايدۇ.

2015-يىلى سىۋاسنىگىرنىڭ كىنو ساھەسىگە قايتقان بىر يىل بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ھەرىكەتلىك كاتتا فىلىمگە تايىنىپ سىۋاسنىگىر يەنە قايتىدىن كىنو ئېكرانىدىكى يۇقىرى پەللىگە قايتىشى مۇمكىن.

سىۋاسنىگىر ئىلگىرى « ئۆلۈمگە تەۋەككۇل قىلغۇچىلار » فىلىمىدە رول ئالغاندا ئۆزىنىڭ « پىدائىيلار ئەترىتى» قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەنىدى. ئەينى چاغدا بىشارەت بەرگەن ئەترەت بولسا دەل ھازىرقى « بۇزغۇنچى » ئىتتىپاقى بۇلۇپ ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بۇ جەڭ ئەترىتى داڭلىق ئارتىسلاردىن تۈزۈلگەن. سام خولستون. تايلونس خورۋارد. جوش ھاروۋى. ئولۋىيە ۋىليامىس. جو مانگونىرو. ماركىس مارتىنى قاتارلىق داڭلىق كىنو چولپانلىرى قۇشۇلغان. ھالبۇكى بۇ «بۇزغۇنچى» ئەترىتى كىنوچىلىق تارىخىدىكى « بۇزغۇنچىلىق كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى » پولات ئەترەت بولۇپ قېلىشىدا گەپ يوق.



خەتكۈچلەر:
21-04-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: ۋاڭيى تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىتالىيەلىك بىر ئەر «ئۆي ئىشى قىلمىغانلىق» سەۋەبى بىلەن ئۆزىنىڭ ئايالىنى سوتقا ئەرز قىلغان. ئەگەر ئايالنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 6 يىللىق قاماق جازاسىغا...
07-02-2016
         ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ غەربىي يورك ۋىلايىتىدىكى خۇددېرسفيېلد ۋوگزالىدا بىر داڭلىق «چارلىغۇچى مۈشۈك» بار بولۇپ، بەش يىلدىن بېرى ئۇ ئىزچىل ھالدا...
06-02-2016
      كىشىلەر ھازىر ئاللىقاچان ئۆز تارتىم سۈرەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا بۆسۈپ كىرگەنلىكىگە كۆنۈپ كەتتى. ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشقا قارىتا كۆز قاراش ئوخشاش ئەمەس، لېكىن نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغىنى ئۆزىنى سۈرەتك...
06-02-2016
      تاراتقۇلارنىڭ رۇسىيە لىۋادا خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجە دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر بېرىشىچە، %72 رۇسىيەلىك جۇڭگوغا نىسبەتەن ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدىكەن. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-...
06-02-2016
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ ئىستىرېئولوق ئاپپارات يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى مىكرو ئاپپارات سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
06-02-2016
     قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دەرىغە نۇر سۇلتان قىزى نەزەربەيىۋا 5- فېۋرال، جۇڭگو ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلماقتا، قازاقىستانلىقلار خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەك ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردىمى بولىدۇ دې...
06-02-2016
            تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
06-02-2016
        بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى خاك تۈنۈگۈن: يېقىندا ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە تىنچلىقنى ساقلاش خادىملىرى پۇقرالارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش شىكايىتىگە چېتىلىش ئەھۋاللىرى...
06-02-2016
         تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ، بېيجىڭ ساقچى تەرەپ شەھەر بويىچە قۇلۇپ كەسپى نام-ئىسىملار خاتىرىسى تۈزۈمى بويىچە ئا...
06-02-2016
          2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى برازىلىيە سان پاۋلودا شادلىق بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى، سامبا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئارتىسلىرى سان پاۋلو شاتلىق بايرىمىدىكى نامايىشقا قاتناشتى.
Powered by Leglek