ۋاسكېتبول چولپىنى كوبى بارسېلونادىكى مېسسىگە ھۆرمىتىنى بىلدۈردى

داڭلىق ۋاسكېتبول چولپىنى كوبىنىڭ بۇ پەسىللىك مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ چېكىنىدىغانلىق توغىرسىدىكى خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا كوماندىسىدا توپ تېپىدىغان ئارگېنتىنالىق داڭلىق توپچى مېسسى جەمئىيەت ئالاقە تورىدا، ۋاسكېتبول ساھەسىنىڭ بۇ گىگانت چولپىنىغا ھۆرمىتىنى بىلدۈردى. ئىسپانىيە تاراتقۇسى «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كوبى زىيارەت قوبۇل قىلغاندا، مېسسىگە رەھمەت ئېيتىپ بارسېلونا كوماندىسىغا مەدەت بەرگەن.

   كوبى بىلەن مېسسىنىڭ نەچچە يىللاردىن بۇيانقى مۇناسىۋىتى خېلى قويۇق بولۇپ، ئىلگىرى ئىككى ماھىر بىرگە ئېلانغا چىققان. 2006-يىلى يازدا، بارسېلونا بىرىنچى سەپ كوماندا ئەزالىرى ئامېرىكىغا كەلگەندە، كوبى لوس ئانجېلېستا بۇلار بىلەن بىر پائالىيەتتە تۇنجى قېتىم يۈز كۆرۈشكەن. 2009-يىلى 2-ئايدا كوبىنىڭ بارسېلونا كوماندىسىنىڭ كىيىمىنى كىيگەن ھالەتتىكى رەسىمى ESPN نىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان.بۇنىڭدىن كوبىنىڭ بارسېلونا كوماندىسغا ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. 2011-يىلى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئامېرىكا سەپىرىدە، كوبى مەخسۇس بارسېلونا كوماندا ئەزالىرى چۈشكەن مېھمانخانىغا كېلىپ ئۇلارنى كۈتۈۋالغان.


بۇ يىل 7-ئايدا كوبى ئايالى بىلەن بىرگە بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ ئامېرىكىدا تەسىس قىلغان مەشق بازىسىغا كەلگەن. ئەر-ئايال ئىككىسى ئۆزلىرىنىڭ

ئىسمى بېسىلغان يېڭى نۇسخىدىكى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ كىيىمىگە مۇيەسسەر بولغان. شۇ چاغدا كوبى مۇنداق دېگەن: «بارسېلونا كوماندىسىنى ياخشى كۆرىمەن، مەڭگۈ بارسېلوناغا سادىق بولىمەن، مېسسى، ئىنىستا قاتارلىق توپچىلارغا مەن ناھايىتى ئامراق، باشقىلارمۇ بار، بۇلار قالتىس ئوينايدىغان توپچىلار» مېسسىنىڭ ئۆزىگە ھۆرمەت بىلدۈرگەن ئىشىغا قارىتا كوبى مۇنداق دېگەن: «مېسسىگە كۆپ رەھمەت، ئۇ 17، 18 ياش چاغلىرىدا مەن ئۇنى تونۇيتۇم، شۇ چاغدا ئۇ ياش ئىدى، ئۇنىڭ قانداق توپچى ئىكەنلىكىنى قايسى سۆز بىلەن تەرىپلەشنى بىلمىدىم، مەن بۇنىڭدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن، ئالغا... بارسېلونا....»



خەتكۈچلەر:
05-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: خەۋەر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-03-2016
 ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 2-مارت  خەۋىرى؛   2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ،   2015 – 2016 – يىللىق CBA (جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى) پەسىلدىن كىيىنكى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچۈنچى ئۇچرىشىش مۇسابىق...
02-03-2016
 شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.   1 – مارت 2015 –2016 – يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مە...
06-02-2016
      2-ئاينىڭ 5-كۈنى، جىياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبى 50 مىليون ياۋرو باھادا دونېسىك كان ئشىچىلىرى كۇلۇبىدىن برازىلىيەلىك تېشىرانى سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدا ئۈچ نەپەر چەتئەللىك توپچى+ بىر نەپەر يەرلىك توپچى سېتى...
06-02-2016
   «رىم تەنتەربىيە گېزىتى»نى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە زەردارى مىلان كوماندىسى بىلەن تايلاندلىق سودىگەر Bee Taechaubol ئوتتۇرىسىدىكى مىلان كۇلۇبىنىڭ پاي چېكىنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى سودا مەغلۇپ بولغان بولۇپ، مىل...
06-02-2016
       ئالدىنقى ھەپتە پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدو ئالاقە تورىغا ئۆزىنىڭ يۈز شەكلىنى ئۆزگەرتكەن سۈرىتى ۋە سىن كۆرۈنىشىنى يوللىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائى ئالاقە تورىدىكى بۇ يۇمشاق دېتال Snapchat نىڭ يېڭى ئىقت...
06-02-2016
      خېڭدا ۋە سۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرى باھادا چەتئەللىك توپچى سېتىۋالدى، باشقا كوماندىلارمۇ ئارقىدا قالمىدى، يۆتكىلىش بازىرىنى كۆپۈك خەۋەر قاپلىدى. تۈركىيە تاراتقۇسى بېيجىڭ گوئەن پات ئارىدا 8 مىلىيون ياۋرو باھادا ...
06-02-2016
        خېڭدا ئورگان تەرەپ جېكسون مارتىنىسنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، «ئاس گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشچە، جېكسون مارتىنىس ئىلگىرى جۇڭگو بىرلەشمىسىگە كېلىشنى خالىمىغان. جېكسون مارتىس نېمە ئۈچۈن ئويىنى ئۆز...
06-02-2016
       ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى شاللاش باسقۇچىغا قاتنىشىدىغان توپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، گورۇپپا مۇسابىقىسىدىكى تىزىملىككە ئوخشىمايدىغان يېرى، چېرشىۋ تىزىملىكتىن چىقىرۋىتى...
05-02-2016
        ئىنتىزام كومېتىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، پەقەت توپچىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىدە كۆرىنەرلىك ئادەم يارىلاندۇرۇش مەقسىتى بار بولۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئېغىر يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋالدا ئاندىن مەسئۇ...
05-02-2016
      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى: ئون كۈن داۋاملاشقان 2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوغۇللار زال ئىچى بەش كىشىلىك پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 29-يانۋار چۈشتىن كېيىن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەينەن ئ...
Powered by Leglek