بىر ياستۇقتا 10 يىل بىللە ئۇخلىغان ئايالى ئەسلىدە ئەينى يىلى خېتىگە تىزملىتىشتىن بۇرۇن باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ئۆزىنى 12 ياش كىچىك قىلىپ ساختا كىملىك ياساتقان ئىكەن. يولدىشى ئويلىمغان يەردىن ئايالىنىڭ ھەقىقى كىملىكىنى بايقاپ قالغان ھەم قاتتىق ھەيران بولغان.
گۇاڭجۇ خۇاڭپۇ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى يېقىندا بۇ چىگىش ئاجرىشىش دېلوسىنى ئاخىرلاشتۇرغان. باشقۇرغۇچىنىڭ ئارىغا چۈشۈشىشى بىلەن ئىككى تەرەپ ئۆزلىرى خالاپ ئاجرىشىش كېلشىمنامىسى تۈزىدىغانغا قوشۇلغان.
ئۇلار توي قىلغان 10 يىل ئىچىدە ئايالى نەچچە قېتىم ھامىلدار بولغان بولسىمۇ ھامىلىنى ساقلاپ قالالمىغان.
2002-يىلى 5- ئايدا، سەپەرگە چىققان پويىزدا 27 ياشلىق ساقچى . ئەمەلدارى ئاكاڭ گۇاڭجۇلۇق يالغۇز ئولتۇرغان يۇرتدېشى ئاجىڭنى ياقتۇرۇپ قالغان، ئىككەيلەن ئۆز-ئارا پاراڭلىشىش جەريانىدا بىر- بىرىگە ياخشى تەسىر قالدۇرغان، پويىزدىكى ئۇچرىشىشتىن كىيىن، ئىككەيلەن تېزلا مۇھاببەلىشىش باسقۇچىغا كىرگەن. ئىككى يىل مۇھاببەتلەشكەندىن كىيىن ، ئۇلار 2004-يىلى 12-ئاينىڭ 22- كۈنىنى تاللاپ تىيەنخې رايونلۇق خەلىق ئىشلار ئىدارىسىگە بېرىپ توي خېتىگە تىزىمغا ئالدۇرغان.
ئەينى ۋاقىتتا ، ئاكاڭنىڭ ئىشلەتكىنى ساقچىلىق كىنىشكىسى ئىكەن، ئاجىڭ بولسا كىملىكىنى ئىشلەتكەن ئىكەن.ئاكاڭ ئۇندىن بۇرۇن ئاجىڭنىڭ كىملىكىنى كۆرۈپ باققان بۇلۇپ ، كىملىكتە ئېنىق قىلىپ ‹‹1974-يىلى تۇغۇلغان›› دەپ يېزىلغان بۇلۇپ ‹‹1975-يىلى ›› تۇغۇلغان ئاكاڭدىن تۆت ياش كىچىك چىققان.
بۇ ياپياش ئايالىغا قارىتا ئاكاڭ توي قىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە مۇھاببىتى كۈنسىرى كۈچەيگەن لىكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇلارنى ئارامسىزلاندۇردىغان بىر ئىش بۇلارغا چاپلاشقان ـــــــــــــــــــــــ توي قىلغان 10يىل ئىچىدە ئاجىڭ باشتىن-ئاخىرى ھامىلدار بۇلۇپ ئوڭۇشلۇق يەڭگىپ باقمىغان، ئارىدا ئاجىڭ نەچچە قېتىم ھامىلدار بولغان بولسىمۇ ، ئەپسۇسلىنارلىقى ھەممىسىنى ساقلاپ قالالمىغان.
2013-يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ، ئاكاڭ تۇساتتىن ئاجىڭىنىڭ كىملىكىنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ ، ئۇ كىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە ئاجىڭنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ‹‹1967-يىلى ›› ئىكەن. بۇ .ىش ئاكاڭنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان ، كەسپى سەزگۈرلىكىدىن ئۇ مەلۇم مەركىزى سېستىمىدىن پايدىلنىپ ئايالىنىڭ كىملىكنى تەكشۈرگەن، نەتىجىدە ئەينى يىلى توي خېتى ئالغان ۋاقىتتىكى كىملىككە دائىر ئۇچۇر تىزملاشنىڭ مۇشۇ ئارخىپخانىدا توختىتىلغانلىقىنى بايقىغان، لىكىن بايقالغان كىملىكنىڭ نومۇرى دەل ئۆز ئايالىنىڭ بۇلۇپ چىققان.
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەينى ۋاقىتتا توي خېتىگە تىزمىلاتقاندا ئايالى ئاللىقاچان 37 ياشقا كىرگەن بۇلۇپ ھەرگىزمۇ ئۆزى ئېيتقاندەك 25 ياش ئەمەس ئىكەن. بىر ياستۇقتا 10يىل بىللە ئۇخلىغان ئايالىنىڭ ئويلىمغان يەردىن ئۆز يېشىنى يۇشۇرغانلىقى ئاكاڭنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن، ھەر قېتىم ھامىلىنى ساقلاپ قالالماسلىقمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن.
ئاجىڭنىڭ ھەقىقى يېشىنىڭ ئاشكارلىنىشى تۈپەيلى ئاجىڭ ئاللىقاچان ئاكاڭنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىنى يۇقاتقان، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى شۇندىن كىيىن توختىماي داۋالغۇپ ئاستا-ئاستا بۇزۇلغان.ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئىككىلا تەرەپ ئاجرىشىشقا قوشۇلغان، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا ئاجىڭ ساختا كىملىك ئىشىلتىپ توي خېتىگە تىزىملاتقان بولغاچقا تويغا تىزىملاش ئورنى ئۇلارنىڭ ئاجىرشىش ئىشىنى بىجىرىپ بەرمىگەن. ئەڭ ئاخىردا ئاكاڭ ئامالسىز سوت مەھكىمىسگە ئەرىز سۇنۇپ سوتنىڭ ئۇلارنى ئاجراشتۇرۇپ قۇيشىنى ئۆتۈنگەن.
سوتتا جاۋابكار ئاجىڭ ساختا كىملىكنىڭ كىلىش تارىخىنى سۆزلەپ ئۆتكەن، ئۇنىڭ دىيشىچە، ئاكاڭ بىلەن توي قىلىشقا تەييارلىق قىلىشتىن بۇرۇنلا ئۇنىڭ كىملىكى يۈتۈپ كەتكەن ئىكەن ، توي قىلىشقا تىزىملىتىش ئۈچۈن ئاجىڭ بىر دوستىنى ئىزدەپ ئۇنىڭغا ياردەم قلىپ كىملىك بىجىرىپ بىرشىنى ئۆتۈنگەن، بىراق شۇ چاغدا ئۇنىڭ كاللىسىدا ئاكاڭ ئاجىڭنىڭ ئۆزىدىن 8 ياش چوڭلۇقىنى بىلسە يەنە توي قىلىشقا قوشۇلامدۇ يوق ؟
دىگەن خىيال پەيدا بولغان.شۇنىڭ بىلەن ئاجىڭ دوستىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ باشقىلارغا دەپ يالغان كىملىك ياساتقان ، ئاجىڭنىڭ بىلدۈرىشىچە ، يالغان كىملىكتىكى ھەممە ئۇچۇرلارنى ئۇ ئۆزى شۇنداق قىلىپ يازدۇرغان .
ئاجىڭنىڭ ساختا كىملىكىگە قارىتا باش تەپتىش شۇ نەخ مەيداندىلا يىغۋېلىپ ئارخىپقا سالغان، سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرىشى بىلەن ئاكاڭ بىلەن ئاجىڭ سوت مەيدانىدىلا ئۆزلىرىنىڭ ئاجرىشىش كېلشىمنامىسى تۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مال-مۈلكىنى بۆلۈشكەن.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved