شىنخۇا ئاگېنتلىقى نىيۇيورك 4-ئاينىڭ 24-كۈنى تېلىگىراممىسى: ئامېرىكا باغچا ئىدارىسى ئەركىنلىك ئىلاھى باغچىسى ئاخبارات باياناتچىسى 24-ئاپرېل مۇنداق دېدى: باغچا ئىدارىسى ساقچىسى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بومبا تەھدىتى تېلېفونىنى تاپشۇرۋالغان.ھەمدە نىيۇيورك ئەركىنلىك ئىلاھى ساياھەتچىلىرىنى تارقاقلاشتۇرغان.
باياناتچى مۇنداق دېدى: ساقچىلار 24-چېسلا سائەت 11 دىن 21 مىنۇت ئۆتكەندە بومبا تەھدىتى تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان بۇلۇپ، تېلېفون ئۇرغان ئادەم ئەركىنلىك ئىلاھىنى پارتىلتىۋىتىمەن دەپ تەھدىت سالغان.ئارقىدىنلا ساقچىلار ئاپشاركا بىلەن ئەركىنلىك ئىلاھى تەگلىك يېنىدىكى رايونلارنى تەكشۈرگەن.
نيۇ يورك شەھىرى ساقچى ئىدارىسى باياناتچى مۇنداق دېدى: شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى بۇ خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كىيىن دەرھال ئەركىن ئارالغا يېتىپ بىرىپ، باغچە ئىدارىسى ساقچىلىرى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ بۇرۇنقى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ساقچىلار گۇمانلىق خالتا بايقالغان خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن ئەركىنلىك ئىلاھى ساياھەتچىلرى تارقاقلاشتۇرۇلغان.
ئەركىنلىك ئىلاھى ساياھەت شىركىتنىڭ مۇئاۋىن باش تېرنىرى مايىك. بوك مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى بىزنىڭ ئەڭ بۇرۇن ئويلىشدىغان مەسلىمىز.
ئەركىنلىك ئىلاھى نيۇ يورك شەھىرىدىكى مۇھىم بەلگىلىك مېمار بۇلۇپ، ھەر يىلى كۈتۈۋالدىغان ساياھەتچى 3 مىليون 500 مىڭ ئەتراپىدا.ئەركىنلىك ئىلاھى فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا مۇستەقىللىقنىڭ 100 يىللىقنى تەبرىكلەش سوۋغىسى بولۇپ، 1886-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى نىيۇيورك پورتىدىكى ئەركىن ئارالغا سېلىنغان بولۇپ 1886-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى پۈتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved