پولشا زۇڭتۇڭى كومورۇۋىسكى 17-دېكابىر زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پورشىنكو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئىسلاھاتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. كومورۇۋىسكى سۆھبەتتىن كىيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: پورشىنكونىڭ زىيارىتى ئۇكرائىنانىڭ ئىسلاھات يولىغا قاراپ قەدەم تاشلىشىغا ياردەم بىرىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پولشا ئۇكرائىنا بىلەن دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، ئۇكرائىنا زېمىنىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوللايدۇ، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسى تۈزۈلمىسى ۋە ھەربىي ئىشلار سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى قوللايدۇ.
پورشىنكو مۇنداق دېدى: پولشا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدىكى ئۇكرائىنانىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىسى، ئۇكرائىنا ئىسلاھات مۇساپىسىدا پولشانىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
![]() |
پىرېزىدېنت تۈزۈمى
پىرېزىدېنت تۈزۈمىنىڭ تۆت ئالاھىيدىلىك بار: بىرىنچى، پىرېزىدېنت دۆلەت تۈزۈمىنىڭ شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ، ئۈچ خىل ئارمىيەنى باشقۇرىدۇ.
ئىككىنچى،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved