ئامېرىكا دۇكې ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتىن بايقىلىشچە، قان بېسىمى، بەدەن ھارارىتى، نەپەس سۈرئىتى، يۈرەك رېتىمى، ئاغرىق تۇيغۇسى ۋە يول يۈرۈش سۈرئىتى بەدەندىكى ئاساسلىق ئورگانىزملارنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم سىگنال ئىكەن، بۇلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، نورمال دائىرىدە ساقلاشقا تىرىشىش ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ئاچقۇچى ھېسابلىنىدىكەن.
بىرىنچى كۆرسەتكۈچ: قان بېسىمى. قان بېسىمىدىكى ئۆزگىرىش يۈرەك قان تومۇرى سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈرىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 90\\140 مىللىمېتىرغىچە بولغان سىماب تۈۋرۈكىنى يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ چېكى قىلىپ بېكىتتى. 35 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر قان بېسىمىنى قەرەللىك تۈردە تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك، ئەگەر 90\\140 مىللىمېتىرغىچە بولغان سىماب تۈۋرۈكىدىن ئۆرلەپ كەتسە، مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىشى كېرەك.
ئىككىنچى كۆرسەتكۈچ: بەدەن ھارارىتى. بەدەن ھارارىتى ماددا ئالمىشىشىنىڭ كۈچلۈك- ئاجىزلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. نورمال ئادەمنىڭ قولتۇق تېمپراتۇرىسى 36 گرادۇستىن 37 گرادۇسقىچە بولىدۇ، بىر كۈن ئىچىدە بىر ئاز ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدۇ، سەھەردە بىر قەدەر تۆۋەن، چۈشتىن كېيىن بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، ئادەتتە تېمپراتۇرا پەرقى بىر گرادۇستىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. بەدەن ھارارىتى يەنە كىشىلەرنىڭ ياش قورامى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك، ئادەتتە بالىلارنىڭ بەدەن تېمپراتۇرىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ۋە ياشانغانلارنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ. نېرۋا ئاجىزلاشقاندا، ئىشتىھا تۇتۇلۇپ قالغاندا، ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ناچارلاشقاندا، ئەڭ ياخشىسى بەدەن تېمپراتۇرىسىنى ئۆلچەپ بېقىش كېرەك.
ئۈچىنچى كۆرسەتكۈچ: نەپەس سۈرئىتى. نەپەس سۈرئىتى قانچە تېز ھەم قىسقا بولسا، يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارى شۇنچە ناچارلىشىدۇ؛ نەپەس سۈرئىتى قانچە ئاستا ھەم ئۇزۇن بولسا، يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. نەپەس سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن تەنتەربىيە چېنىقىشىنى كۈچەيتىپ، ئۆپكىنىڭ نەپەس ئېلىش سېغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن چوڭقۇر نەپەس ئېلىشنى مەشىق قىلىش كېرەك. «نەپەس ئېلىش – توختاش- نەپەس چىقىرىش» (نەپەس توختىتىش ۋاقتى 10 سېكۇنتتىن 20 سېكۇنتقىچە بولسا بولىدۇ) ئۇسۇلىنى قوللانساق بولىدۇ، نەپەس ئالغاندا ئىمكانقەدەر بۇرۇننى ئىشلىتىپ، تەكشى ئاستا سۈرئەتتە ھاۋا سۈمۈرۈش، نەپەس چىقارغاندا كۈچەپ سىرتقا پۈدەپ، كېرەكسىز ھاۋانى ئەڭ زور دەرىجىدە سىرتقا چىقىرىۋېتىش كېرەك. ھەر قېتىملىق نەپەسلىنىش مەشىقىنى ئۈچ مىنۇتتىن 10 مىنۇتقىچە، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئۈچ قېتىمغىچە داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.
تۆتىنچى كۆرسەتكۈچ: يۈرەك رېتىمى. ئادەتتە نورمال كىشىلەرنىڭ يۈرەك رېتىمى مىنۇتىغا 60 قېتىمدىن 100 قېتىمغىچە بولىدۇ. تۈرلۈك تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشچە، يۈرەك رېتىمى قانچە تېز بولسا، ئادەمنىڭ ئۆمرىمۇ شۇنچە قىسقا بولىدىكەن، يۈرەك رېتىمى مىنۇتىغا 90 قېتىمدىن تۆۋەن بولغان كىشىلەر ئاسانلىقچە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولمايدىكەن. تاجسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى مىنۇتلۇق يۈرەك رېتىمىنى 60 قېتىمدىن 74 قېتىمغىچە بولغان ئارىلىقتا كونترول قىلالىسا ئەڭ بىخەتەر بولىدىكەن.
بەشىنچى كۆرسەتكۈچ: ئاغرىق تۇيغۇسى. ئاغرىق ئادەمنىڭ بەدىنى ئارامسىزلانغاندا چىقىرىلغان ئەڭ بىۋاسىتە سىگنال بولۇپ، ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى ھېسابلىنىدۇ. ئېغىر دەرىجىدىكى ئاستا خاراكتېرلىك يۈرەك ئاغرىقى ھەر قايسى سىستېمىلارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدۇ.
ئالتىنچى كۆرسەتكۈچ: يول يۈرۈش سۈرئىتى. يول يۈرۈش سۈرئىتى ساغلاملىق ھالىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇھىم بەلگە. ئىلگىرى، ئامېرىكا پىتسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇنداق يەكۈن چىقارغان: يول يۈرۈش سۈرئىتىنىڭ تېز- ئاستىلىقى ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ، بولۇپمۇ 75 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر ئارىسىدا تېخىمۇ شۇنداق. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ سېكۇنتلۇق يول يۈرۈش سۈرئىتى 0.9 مېتىر بولىدۇ، سېكۇنتلۇق يول يۈرۈش سۈرئىتى 0.6 مېتىردىن تۆۋەن بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈم خەۋپى ئاشىدۇ، سېكۇنتلۇق يول يۈرۈش سۈرئىتى بىر مېتىردىن يۇقىرى بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆمرى بىر قەدەرئۇزۇن بولىدۇ. ئەگەر ياشانغانلارنىڭ سېكۇنتلۇق نورمال قەدەم ئارىلىقى 0.8 مېتىردىن تۆۋەن بولسا، يەنى بەش سېكۇنت ئىچىدە ماڭغان يولى تۆت مېتىرغا يەتمىسە، ئۇنىڭ مۇسكۇلىدىكى كۈچنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەنلىكى، مۇسكۇل ئازىيىش كېسىلىگە ئاسانلا گىرىپتار بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved