شىنخۇا تورى، نەنجىڭ، 17-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-ئاۋغۇست نەنجىڭدا موناكو شاھزادىسى ئالبېرت II بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ ئالبېرت II نىڭ نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمغا قاتناشقىلى كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ئۇنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغانلىقىغا، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتى.
ئالبېرت II مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشى جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئولىمپىك روھىغا بولغان ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ھۆرمىتىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلەپ بەردى. تۈنۈگۈن كەچتىكى باشلىنىش مۇراسىمى ئىنتايىن قالتىس بولدى، جۇڭگو خەلقى تولىمۇ قىزغىنكەن، مەن نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-موناكو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى، ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولدى.جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل دۆلەتلەرنى چوڭ-كىچىك، باي-كەمبەغەل، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باراۋەر ئەزاسى، ھەممىسى ئۆزئارا ھۆرمەتلىشى، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشى، دوستانە ئۆتۈشى كېرەك دەپ قارايدۇ. جۇڭگو تەرەپ موناكو تەرەپ بىلەن كېلەر يىلى ئىكى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خادىملار ئالاقىسىگە قولايلىق يارىتىپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردىكى ئۆزئارا قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو-موناكو مۇناسىۋىتىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved