شىنخۇا تورى ، ۋاشىنگتون ، 28-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : ئامېرىكا ئوربېتا پەن-تېخنىكا شىركىتى 28-ئۆكتەبىر خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا «ئاققۇ يۇلتۇز تۈركۈمى» ناملىق ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بەرگەن ، لېكىن راكېتا ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ ئالتە سېكۇنتتىن كېيىن پارتلاپ كەتكەن .
ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىنىڭ تېلېۋىزىيەدە بىۋاستە كۆرسىتىشىچە ، شۇ جاي ۋاقتى 28-ئۆكتەبىر سائەت 18:22 دە (بېيجىڭ ۋاقتى 29-ئۆكتەبىر سائەت 6:22 دە) ئوربېتا پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ «Antares» ناملىق توشۇغۇچى راكېتاسى ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ ئالتە سېكۇنتتىن كېيىن پارتلاپ كەتكەن ، پارتلاپ كەتكەن راكېتا قويۇپ بېرىش ئىستانسىسىغا چۈشۈپ ، يەنە بىر قېتىم پارتلاش بولغان .
نۆۋەتتە ، ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى ۋە ئوربېتا پەن-تېخنىكا شىركىتى قويۇپ بېرىش مەغلۇب بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەۋېتىپتۇ .
بۇ ئامېرىكا ئوربېتا پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ 3-قېتىم ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ ، خەلقئارا بوشلۇق ئىستانسىسىغا تەمىنات ۋە تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىنى توشۇشى بولۇپ ، «ئاققۇ يۇلتۇز تۈركۈمى» ناملىق ئالەم كېمىسىگە 2.3 توننا ماددىي ئەشيا قاچىلانغان ، لېكىن ئادەم ئولتۇرمىغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved