روجىستوۋ ۋە يېڭى يىللىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پاي بازىرى قىزغىنلىقى تەدىرجى پەسەيدى. ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا چوڭ كۆلەمدە قويۇلغان «تىرىلگۈچى» دىن سىرت، پەقەت بىر قىسىم تەھدىد كۈچى چوڭ بولمىغان تۆۋەن تەننەرخلىك قورقۇنچلۇق فىلىم قويۇلدى، يۈزلىنىشى پەسەيمىگەن «پىلانىتلار ئۇرۇشى7» قايتا ھەپتە ئاخىرى بېلەت كىرىمى چېمپىيونى بولدى.
دېسنىي تارقاتقان فانتازىيەلىك فىلىم «پىلانىتلار ئۇرۇشى 7» ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا 41.63 مىلىيون دوللار بېلەت كىرىمىگە ئېرىشىپ، فىلىمنىڭ تۆتىنچى ھەپتە ئاخىرى بېلەت كىرىمى تارىختا ئىككىنچى يۇقىرى بولۇپ، پەقەت «ئاۋاتار» نىڭ 5030 مىلىيون دوللارلىق بېلەت كىرىمىدىنلا كېيىن تۇردى. فىلىمنىڭ جۇغلانما بېلەت كىرىمى ئالدىنقى ئۈچ ھەپتىدە «ئاۋاتار» نىڭ 760 مىلىيون دوللارلىق شىمالى ئامېرىكا بېلەت كىرىمى كىنوچىلىق تارىخى رېكورتىنى ئاياقلاشتۇردى ھەمدە شەنبە كۈنى شىمالى ئامېرىكا تارىخىدىكى 800 مىلىيون دوللارلىق ئۆتكەلدىن ئۆتكەن تۇنجى فىلىمگە ئايلاندى.
لىئوناردو دىكاپرو باش رول ئالغان ئەڭ يېڭى ئوسكارغا ئاتلانغۇچى فىلىم «تىرىلگۈچى» ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا چوڭ كۆلەمدە قويۇلۇشقا باشلىدى، فوكىس تۆت كىنوخانىدا قويۇشتىن 3300 كىنوخانىدا قويۇشقا كېڭەيىتتى، فىلىم ھەپتە ئاخىرىدىكى ئۈچ كۈندە 38 مىلىيون دوللار بېلەت كىرىمىگە ئېرىشتى. گەرچە «پىلانىتلار ئۇرۇشى 7» گە تەڭ كېلەلمەي ھەپتە ئاخىرىدا ئىككىنچى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئىپادىسى كەسپىي زاتلارنىڭ مۆلچەرىدىن ئېشىپ كەتتى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved