تەيۋەن فۇشىڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش، بىر ئايروپىلاندىكى ھەممىگە ئوخشاش تۆلەم بېرىش ئاساسى پىرىنسىپى بويىچە ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلاندىكى قازا قىلغۇچىلارغا تۆلەم بېرىلىدۇ.
تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن فۇشىڭ ئاۋىياتىسيە شىركىتى ئايرم ئايرىم تەيۋەنلىك يولۇچىلار بىلەن چوڭ قۇرۇلۇقلۇق يولۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە چۈشەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى، ئائىلە تەۋەلىرىگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن چۈشەندۈرۈش يىغىنىنىڭ بارلىق جەريانلىرى يېپىق ھالەتتە بولدى، تونۇشتۇرۇلىشىچە، فۇشىڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى چېن شىندې يىغىندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: قازا قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان تۆلەم جەھەتتە ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش، بىرئايروپىلاندىكى ھەممەيلەنگە ئوخشاش تۆلەم بېرىش پىرىنسىپى قوللىنىلىدۇ، كونكېرت تۆلەم بېرىش سوممىسى 11-فېۋرالدىكى ماسلاشتۇرۇش يىغىنىدا ئاندىن كېڭىشىپ بېكىتلىدۇ، فۇشىڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ۋەكىلى ليۇ جۇڭجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەر بىر قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، يارىدارلار ئائىلە بويىچە بىرلىك قىلىنىدۇ، فۇشىڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى 1دىن 2گىچە كىشىنى ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىدۇ، ئۇلارنىڭ قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئازاپ ئوقۇبىتىنى تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بېرەلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
فۇشىڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ نامازشامدا ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 5يېرىمغىچە 45 يولۇچىنىڭ ئائىلە تەۋەسى ھەر بىر كىشىگە 200 مىڭ يېڭى تەيۋەن دوللىرىلىق جىددى ھال سوراش پۇلىنى ئالغان، بۇنىڭ ئىچىدە 26 كىشى تەيۋەنلىك، 17سى چوڭ قۇرۇقلۇقلۇق، 4 نەپەر تەيۋەنلىك قازا قىلغۇچى يولۇچىنىڭ ئائىلە تەۋەسى بىر مىليون 200 مىڭ يېڭى تەيۋەن دوللىرى دەپنە تۆلىمىگە ئىگە بولدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved