پاكىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن

پاكىستان ۋەزىيىتى يېقىندا بىر ئاز ياخشىلانغان ئىدى، بىراق يېقىندا تېررورچىلار پاكىستاندىكى ئاتاقلىق پاشاخان ئۇنىۋېرسىتېتىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يارىلىنىشى ۋە قازا قىلىشىدەك پاجىئەلىك ۋەقەنى پەيدا قىلدى، بۇنىڭدىن پاكىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا كەسكىنلىكى ئايان بولدى.

پاكىستاندىكى پاشاخان ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى كۆپلىگەن ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا، 20-يانۋار كىشىنى قاتتىق ئېچىندۇرىدىغان بىر كۈن بولدى.

پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى چارساد رايونىدىكى بۇ ئالى مەكتەپ، پاكىستاننىڭ مەرھۇم ئاتاقلىق سىياسىي رەھبىرى پاشاخاننىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، 20- يانۋار پاشاخان ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 28 يىللىق خاتىرە كۈنى. تېررورچىلار بۇ كۈندە بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ تىمىدىن ئارتىلىپ مەكتەپنىڭ قۇرۇشىغا كېرىپ، بىگۇناھ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى قىرغىن قىلىپ، ئاز دېگەندە 20 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، نەچچە ئون كىشىنى يارىلاندۇردى.

تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېقىندىن بۇيان پاكىستاندا چوڭ كىچىك تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن ئاز دېگەندە سەككىز قېتىم يۇز بەرگەن. پاكىستاندا يېقىندىن بۇيان تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى نېمە ئۈچۈن كۆپ يۇز بېرىدۇ.؟ پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى قايتىدىن باشلىنامدۇ؟.

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەھۋاللارنى ئەسلەيدىغان بولساق، پاكىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدە بىر ئاز ياخشىلىنىشلار بولدى. بىر تەرەپتىن، پاكىستان ھۆكۈمىتى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تېررورچىلىققا زەربە بېرىش كۈچىنى زورايتتى. 2014- يىلى، پاكىستان ئارمىيەسى خەنجەر ناملىق ھەرىكەتنى قوللىنىپ، شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدىكى پاكىستانلىق ۋە چەتئەللەردىن كەلگەن قوراللىق ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتتى. 2015- يىلى، پاكىستان 5000 مىڭ كىشىدىن تەشكىللەنگەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسىمىنى قۇرۇپ، پايتەخت ۋە تۆت ئۆلكىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، پاكىستان ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاساسى قانۇنىغا توزۇتۇش كىرگۈزۈشنى كۈچەيتىپ، ئالاھىدە ھەربىي ئىشلار سوتىنى قۇرۇپ، تېررورلۇققا بىلەن چېتىشلىق بولغان دېلولارنى سوراق قىلىشنى تېزلەتتى.

پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2015- يىلى، پاكىستان تەۋەسىدە يۇز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %70 ئازلىغان. بىراق، تېررورچىلارنىڭ يېقىندا مەركەزلىك ھۇجۇم قوزغىشى، چەتئەللەرنىڭ پاكىستاننىڭ كەلگۈسى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە قارتا يەنە بىر قېتىم ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئافغانىستان مەسىلىسى تۆت تەرەپ مېخانىزمىنىڭ تۇنجى قېتىملىق سۆزلىشىشى 11- يانۋار پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلام ئاباددا ئۆتكۈزۈلدى. 2- قېتىملىق سۆزلىشىش 18- يانۋار ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئۆتكۈزۈلدى. ھەر قايسى تەرەپلەر ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىباننىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى دەرھال باشلىشىنى ھەمدە ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ يول خەرىتىسى توغرىسىدا كېڭىشىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئافغانىستاندا تۈرلۈك زىددىيەتلەر كۆپ ۋە مۇرەككەپ بولغانلىقى ئۈچۈن، تىنچلىق مۇساپىسى تۈرلۈك ئەگرى توقايلىقلارغا ۋە مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە يولۇقىدۇ. ئۇندىن باشقا تەھلىللەردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پاكىستان بىلەن ئافغانىستاندا يېقىندا يۇز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى مەزكۇر رايونىدىكى تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدا كېلىپ چىققان قالايمىقانچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. پاكىستاندا چىقىدىغان سەھەر گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: نۆۋەتتە پاكىستاندىكى تېررورچى تەشكىلات بىلەن خەلقئارا تېررورچى تەشكىلات ئىچكى قىسىمدىكى قالايمىقانچىلىق يۇز بېرىش ۋە بۇرۇلۇشنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان بولۇپ، تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ بىر قىسىم كاتتىباشلىرى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ، پىلان تۈزۈشىدە رىقابەتلىشىش ئۈچۈن تېررورلۇق ھۇجۇمنى يولغا قويغانلىقتىن، يېقىندا تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ كۆپ يۇز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

مەيلى قانداق سەۋەب بولسۇن، يېقىنقى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە رايون ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، پاكىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولۇپ، تېررورلۇقنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈگىتىشتە يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر يول يىراق ئىكەن.

پاكىستان ئارمىيە تەرەپ 23- يانۋار، پاشاخان ئۇنىۋېرسىتېتىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە ياردەملەشكەن بەش گۇماندارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى ھاشىم باجۋا 23- يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ بەش گۇماندار پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى مەردان شەھەردە قولغا چۈشتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىمى تېررورچىلارنىڭ قوراللىرىنى يۆتكىگەن ۋە تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، بەزىلىرى قاتناش قوراللىرى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغۇچىنى پاشاخان ئۇنىۋېرسىتېتىگە يېقىن جايغا يەتكۈزگەن، ھەمدە ھۇجۇم قىلغۇچىنى مەكتەپنىڭ خەرىتىسى بىلەن تەمىنلىگەن.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە بىر بۆلەك تېلېفون خاتىرىسى قويۇلغان بولۇپ، تالىباننىڭ بىر قوماندانى تاراتقۇلارغا بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى ئۆزلىرىنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتقان. باجۋا مۇنداق دېدى: ھۇجۇم قىلغۇچى ئافغانىستان بىلەن ئون قېتىم سۆزلەشكەن، پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ قوماندانى ئۆمەر، مەنسۇر ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى زاكىر ئافغانىستاندا بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىشقا قوماندانلىق قىلغان.



خەتكۈچلەر:
25-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek