13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە يەنە 30 كۈن قالدى، 21-دېكابىر شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بەس-بەستە ‹‹ئومۇمىي خەلق بەدەن چىنىقتۇرۇپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ھەمنەپەس بولايلى!›› تېمىسىدا پىيادە يۈرۈش-ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. 2016-يىلى 20-يانۋار 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى مۇسابىقە رايونى ۋە فۇكاڭ مۇسابىقە رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىم شەرقىي شىمالدىن چىقىپ، شىنجاڭغا كىرىشى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرىدىكى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ. قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مۇسابىقىنىڭ قىزغىن كەيپىياتىغا جور بولدى.
21-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن 11:40 ئۆتكەندە بەلگە ئوقى ئېتىلىشى بىلەن،‹‹ئومۇمىي خەلق بەدەن چىنىقتۇرۇپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ھەمنەپەس بولايلى!›› تېمىسىدىكى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 30 كۈن قالغاندا تۈمەن كىشى پىيادە يۈرۈش-ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئالدى بىلەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان جايلارنىڭ بىرى بولغان فۇكاڭ مۇسابىقە رايونىدا باشلاندى. فۇكاڭ شەھىرىدىكى 5000 دىن كۆپرەك شەھەر ئاھالىسى 6 كىلومېتىر يولنى كۈلكە-چاقچاق بىلەن پىيادە بېسىپ ئۆتۈپ، تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىغا يېتىپ كەلدى.
ئۇ كۈنى فۇكاڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلىتسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولسىمۇ، قەھرىتان سوغۇق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قارشى ئېلىش قىزغىنلىقىنى توسۇيالمىدى.
چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00 دە يۇقىرىقى تاغقا جايلاشقان شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنتەربىيە مەركىزىدە بەلگە ئوقىنىڭ ئېتىلىشى بىلەن، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلىرىدىن كەلگەن ئىستۇدېنتلار، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خادىملىرى، ھەر قايسى ئىجتىمائىي تەنتەربىيە جەمئىيەت-تەشكىلاتلىرى، يەنە شەھەر ئاھالىلىرىدىن بولۇپ 3000 دىن ئارتۇق كىشى تەنھەرىكەتچىلەر ياتاق بىناسىدىن يولغا چىقىپ، مۇز ئۈستى تەنتەربىيە مەركىزىنى ئايلىنىپ، 6 كىلومېتىر يولنى پىيادە ماڭدى. پىيادە ماڭغان ھەيۋەتلىك قوشۇن قارىماققا بىر ئەجدىھاغا ئوخشايتى.
‹‹پىيادە ماڭغان چوڭ قوشۇن›› دىن باشقا، شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنتەربىيە مەركىزىدىكى بوش يەردە 100 دىن ئارتۇق ياشانغان كىشى قامچا ۋە غوڭۇلداق ئويۇنى ئويناپ، پائالىيەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىدى.
مەيلى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى رايونى بولسۇن ياكى شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرى بولسۇن، پۈتۈن شىنجاڭدا تەنتەربىيە يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. قەشقەر خەلق مەيدانىدا قاينام-تاشقىنلىققا تولغان ھالدا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 30 كۈن قالغاندا پىيادە يۈرۈش-ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەتتە قەشقەر شەھەر ئاھالىلىرى قەشقەر خەلق مەيدانىدىن يولغا چىقىپ، قەشقەرنىڭ كونا شەھەر رايونىدىن ئۆتتى، بۇ جەرياندا ئامما بەدەن چىنىقتۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە كونا شەھەر رايونىنىڭ مەدەنىيەت ھىدىنى ھېس قىلدى.
13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى گۇاڭمىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە پەقەت بىر ئاي قالدى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىسى بولسۇن-بولمىسۇن، بۈگۈن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ھەر خىل شەكىلدىكى، مول ۋە رەڭدار قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى، بۇنىڭ بىلەن ھەر مىللەت خەلق بۇ قېتىملىق تەنتەنىلىك مۇسابىقىگە ھەمنەپەس بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قوللىدى ۋە كۈتۈۋالدى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق بەدەن چىنىقتۇرۇشتەك قۇيۇق كەيپىيات يارىتىلدى››.(تامام)
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved