ئامېرىكا شۇنچە باي تۇرۇپ يەنە نېمىشقا جۇڭگودىن پۇل قەرز ئالىدۇ؟

       ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك مانخاتتان رايونىدىكى ئالتىنچى چوڭ كوچا بىلەن 44-كوچىنىڭ كېسىشمىسىدە، بىر غايەت زور ئېلېكتىرون ئېكران بار بولۇپ «دۆلەت قەرزى سائىتى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى سېكۇنت ۋە مىنۇت ئىسترېلكىسى كۈنسايىن ئېشىۋاتقان دۆلەت قەرزى ئومۇمىي سوممىسىنى كۆرسىتىپ توختىماستىن ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ. 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قەرزى ئومۇمىي سوممىسى ئاللىقاچان 18 تىرىللىيون ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى. بۇ ئامېرىكىنىڭ ئومۇم قەرزى بىلەن GDP نىسبىتىنىڭ ئاللىقاچان %103 كە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) نىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2016-يىلىغا بارغاندا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قەرزى GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

      بىر ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە ئەھۋالى ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى ئامىل تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ :مالىيە كىرىمى ۋە مالىيە چىقىمى. مالىيە كىرىمى مالىيە چىقىمىدىن چوڭ بولغاندا، مالىيە ئاشىدۇ. ئىككىسى تەڭلىشىپ قالغاندا، بۇ خام چوت تەڭپۇڭلۇقى دەپ ئاتىلىدۇ. مالىيە كىرىمى مالىيە چىقىمىغا يەتمىگەندە، بۇ مالىيە قىزىل رەقىمى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى 70 نەچچە يىلدىن بېرى، ئامېرىكا ئىقتىسادى ئىزچىل تۈردە ئاشمىغان بولۇپ، ئاندا-ساندا مالىيە تەڭپۇڭلۇقى كۆرۈلگەندىن باشقا، كۆپىنچە ئەھۋالدا قىزىل رەقەم كۆرۈلۈپ كەلگەن. 1945-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كىيىن دىرومىن ھۆكۈمىتىنىڭ زايوم /GDP نىسبىتى %113 كە يەتكەن. ئۇرۇشتىن كىيىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زايومى بىرمەزگىل تۆۋەنلىگەن. يەنى، 1973-يىلى نىكسون ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، زايوم /GDP نىسبىتى %31 كە چۈشكەن. بىراق ياخشى كۈن ئۇزاققا بارمىغان، شۇنىڭدىن كىيىن ئامېرىكا دۆلەت قەرزى يەنە قايتىدىن ئۆرلەپ كەتكەن. ئوباما ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئامېرىكا زايوم جەمئىي %70 ئېشىپ، 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى 10 تىرىللىيون 625 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكى 18 تىرىللىيون ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆرلىگەن.

     ئالدى بىلەن ئىقتىسادشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئامېرىكىنىڭ مالىيە قىزىل رەقىمىنى چۈشىنىپ باقايلى. يېقىنقى 2014-يىلىنى مىسال قىلساق، ئامېرىكا ھۆكۈمەت خام چوت چىقىمى 3 تىرىللىيون 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى  ،كىرىم بولسا 3 تىرىللىيون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. مالىيە كەمتۈكى 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان. بۇ يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە خام چوتىنىڭ %60 تى مەجبۇرىي خاراكتېرلىك ساھەلەرگە (داۋالاش، سۇغۇرتا، دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىقلار) ئىشلىتىلگەن.

     ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بۇ يىللىق مالىيە چىقىمىنىڭ %37 تىنى ئىگىلىگەن. شۇنداقلا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىمى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ئىكەن. ئاساسلىقى سەۋەبى نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش نىسبىتىنىڭ تەدرىجىي ئېشىشى ئىكەن.

      مۆلچەرلىنىشىچە كەلگۈسى 30 يىلدا، خىزمەتچى خادىملار بىلەن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ نىسبىتى ئاساسى جەھەتتىن تەڭلىشىپ قالىدىكەن. بۇ مائاشتىن تۇتۇۋالىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ ئازىيىپ، ياشانغانلارغا تۆلەيدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ ئاشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يەنە تېخى يەتمىگەن قىسمىنى مالىيە چىقىمى ئارقىلىق تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ مالىيە خام چوتىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 1988-يىلىدىكى %28 تىن ئۆرلەپ 2014-يىلىغا كەلگەندە %37 كە چىقتى. OMB (ئامېرىكا مەمۇرىي باشقۇرۇش خام چوت ئىدارىسى) نىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2023-يىلى بۇ نىسبەت %40 كە چىقىشى مۇمكىن.

       كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ياشانغانلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈرىدە، 2030-يىلى بۇنىڭغا قاتنىشىدىغان ئادەم 70 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن.  ئامېرىكىدىكى ئىككىنچى چوڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق بولغان «پېنسىيە پۇلى» مۇ ئوخشاش مەسىلە : مەزكۇر پىلانغا قاتنىشىدىغان ئادەم 2030-يىلى 73 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن. بۇنداق ئېغىر يۈك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ھالسىراتماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە.

      ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ پاسسىپ مۈلۈك ئىستېمال مەدەنىيىتى. ئامېرىكا 1776-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ پۇل مۇئامىلە ۋە قەرزگە تايىنىپ بازارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەن. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتىكى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نە مەركىزى بانكىسى، نە باج يىغىدىغان سىياسىتى يوق ئىدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئەينى ۋاقىتتىكى 13 ئىشتاتنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئالغان قەرزى ئاللىقاچان 450 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك زايوم تارقىتىش ئارقىلىق يىغىلغان مەبلەغ ئىدى. بۇنىڭ بىلەن زور مىقداردىكى دۆلەت قەرزى ئامېرىكىنى كاپىتال بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قىستىدى. شۇنداق قىلىپ ئامېرىكىلىقلارمۇ بۇنداق ئۆتنە ئېلىپ خەجلەيدىغان تۇرمۇشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك ئامانەت قويۇشنى ئويلاپ باقمايدىكەن. ئامېرىكىدا خىزمىتى بار بىر كىشى نورمال باج تاپشۇرسا، نورمال كېسەك كۆرسىتەلەيدۇ ۋە پېنسىيەگە چىققاندىن كىيىن سۇغۇرتا پۇلى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت پېنسىيە پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

       ئۈچىنچى، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ئامىلى. غەرب ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئۆتكەن ھەر نۆۋەت پىرېزىدېنت نامزاتى بىلەت توپلاش ئۈچۈن چوقۇم سايلىغۇچى ئاممىغا ئۈزلۈكسىز تۈردە تۈرلۈك پاراۋانلىق شارائىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا ۋەدىلەرنى بېرىدۇ. شۇڭا ئەگەر تاسادىپىي سايلىنىپلا قالسا، ئامالسىز بەزى ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان گەپ.

       يەنە بىر نۇقتا، ئامېرىكا دوللىرى بولسا دۇنيا پۇلى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن شەكىللەنگەن بىروندىن ئورمىنى سىستېمىسى، ئامېرىكا دوللىرىنى نېفىت، ئالتۇن قاتارلىق تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ راسچوت پۇلىغا ئايلاندۇردى. نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق زاپاس سىستېمىدا ئامېرىكا دوللىرى مۈلۈكى يەنىلا %70 نى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قەرزى يەنە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى ئەڭ ئېقىشچان مەبلەغ ھېسابلىنىدۇ. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، ھەرقانداق دۆلەت نېفىت ئىمپورت قىلىمەن دەيدىكەن، چوقۇم يېتەرلىك ئامېرىكا دوللىرى بولمىسا بولمايدۇ. ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا تاۋار ئېكسپورت قىلىشى كېرەك. شۇڭا ئامېرىكا دوللىرى «قوش يۈزلىمىلىك» كە ئىگە. يەنى، ئۇ پۇل بولۇپلا قالماي ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ چوقۇم ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك بايلىقىدۇر. مۇشۇنداق خۇسۇسىيەت بولغانلىقتىن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قەرزى ئىقتىسادىي ئەندىزىسى شۇنداق كېڭىيەلىگەن. لېكىن بەزى ۋاسىتىلەرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋرونىڭ تەسىر كۈچىنىڭ كېڭىشى نۆۋەتتە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئورنىغا خىرىس ئېلىپ كەلمەكتە.

      شۇڭا مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە : ئامېرىكا ئىزچىل ھەر تەرەپكە دۆلەت قەرزى ساتىدۇ، ئۇنداقتا بۇنى كىم ئالىدىغاندۇ؟ جۇڭگو ۋە ياپونىيە ئىزچىل ئامېرىكا دۆلەت زايومىنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارلىرى. 2014-يىلى جۇڭگو ئىگە بولغان ئامېرىكا دۆلەت قەرزى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن بولۇپ 1 تىرىللىيون 650 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن ئىدى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ يىل 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلان قىلغان خەلقئارا كاپىتال كۆچۈش دوكلاتىدىكى ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 2-ئايغا قەدەر، ياپونىيە ئىگە بولغان ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قەرزى 1 تىرىللىيون 224 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، جۇڭگونىڭ بولسا 1 تىرىللىيون 223 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان. يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ راستتىنلا جۇڭگوغا زور بىر تۈركۈم پۇل قەرزى بار ئىكەن. جۇڭگو ۋە ياپونىيە ئىككى دۆلەت ئىگە بولغان ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قەرزى ئامېرىكىنىڭ چەتئەل ئومۇمىي دۆلەت قەرزىدە %68. 39 تىنى ئىگىلەيدۇ.

       بۇ مەسىلە بۇرۇنمۇ بەزى كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان ئىدى «جۇڭگونىڭ شۇنچە كۆپ ئامېرىكا دوللىرى تۇرۇپ، نېمىشقا بۇ پۇلنى يەنە ئامېرىكىغا ئۆتنە بېرىپ تۇرىدۇ ؟» «جۇڭگو نېمىشقا تاشقى پېرېۋوت ئارقىلىق نېفىت ۋە ئالتۇن سېتىۋالمايدۇ؟ ياكى بۇ پۇللارنى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلەتمەيدۇ ؟» بۇنىڭغا مۇتەخەسسىسلەر بۇرۇنمۇ جىق چۈشەندۈرۈشلەرنى بەرگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش مەسىلىسى.

       ئالدى بىلەن جۇڭگو ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ۋە ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، زور بىر تۈركۈم ئامېرىكا دوللىرى جۇغلىدى. بۇ يىل 11-ئايغا قەدەر، ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 3 تىرىللىيون 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. يىغىۋالغىنىمىزنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا دوللىرى بولغاچقا، بۇ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنداق زور پۇل قولىمىزدا تۇرۇپ قالسا ياكى خەجلىمىسەك، ئامېرىكا دوللىرى پاخاللاشسا زىيان تارتماقتىن باشقا ئامال يوق. شۇڭا باشقىلارغا بېرىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئازراق ئۆسۈمدىن بەھرىمەن بولساق بولىدۇ. جۇڭگونىڭ ھازىرقى پۇل مۇئامىلە مۇھىتىدا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قەرزىنى سېتىۋېلىش يەنىلا ئەڭ ياخشى تاللاش.

       ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر ئامېرىكا دۆلەت قەرزىنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارلىرىدىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو داۋاملىق سېتىۋېلىشتىن يالتىيىپ قالسا، ئۇ ھالدا ئامېرىكا قەرزنىڭ ئۆسۈمىنى يۇقىرىلىتىش ئارقىلىق باشقا خېرىدارلارنى جەلپ قىلىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ ئىلىكىدىكى ئامېرىكا دۆلەت قەرزىنىڭ بازار قىممىتىنى چۈشۈرىۋېتىدۇ. ئەگەر دۇنيادىكى ھەممە دۆلەتلەر بىردەك ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قەرزىنى سېتىۋالمىسا، ئۇ ھالدا ئامېرىكا دوللارنى كۆپلەپ بېسىپ سامان نەقىگە چۈشۈپ قويىدۇ-دە، بۇنىڭ بىلەن پۇل پاخاللىقىدىن پايدىلىنىپ دۆلەت قەرزىنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئەلۋەتتە ئەگەر مۇشۇنداق بولۇپ قالسا جۇڭگو قۇرۇق تاغارنى قۇچاقلاپ قالىدۇ دېگەن گەپ. شۇڭا مۇۋاپىق ھالدا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قەرزىنى سېتىۋېلىش ئاللىقاچان جۇڭگونىڭ مۇقەررەر تاللىشى بولۇپ قالغان.

     ئامېرىكا دوللىرى بىرقەدەر مۇقىم. گەرچە قىسقا مۇددەتلىك تەۋرىنىشتىن ساقلانغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن تارىختىن قارىغاندا، ئامېرىكا دوللىرى يەنىلا ئەڭ مۇقىم پۇللارنىڭ بىرى. شۇنداقلا مۇتەخەسسىسلەر بىردەك ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، دەپ قارايدۇ.

     ئەڭ ئاخىرىدا سىياسىي جەھەتتىن تەھلىل قىلساق، جۇڭگو ئىگە بولغان زور مىقداردىكى ئامېرىكا دوللىرى، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا بولغان سىياسىتىگە يېتەرلىك تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ئەگەر جۇڭگو ئىلىكىدىكى ئامېرىكا دۆلەت قەرزىنى باشقىلارغا سېتىۋېتىدىغان بولسا، بازاردا بىر قېتىملىق بوران كۆتۈرۈلۈشى، شۇ سەۋەبلىك باشقا دۆلەتلەرمۇ ساراسىمىگە چۈشۈپ ئىلىكىدىكى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قەرزىنى سېتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا «تاشلاندى بالا» غا ئوخشاش ئېغىر زەربىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

 

      ئەلۋەتتە، ئامېرىكا دۆلەت قەرزىنى سېتىۋېلىش يەنە مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك، ھەرگىز قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولىدىغان ئىش يوق. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ئېقىشچانلىقى ۋە قىممىتىنى ساقلاشقا مۇناسىۋەتلىك. خەلق پۇلىنىڭ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى سېۋىتى (SDR) غا كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ زومىگەرلىك ئورنى تەدرىجىي يىمىرىلدى. ئېلىمىز تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى تىجارەت ۋە ئىشلىتىشتىمۇ يېڭىچە بولغان كۆپ خىل ئۇسۇللارنى ئىجاد قىلدى. مەسىلەن ، «بىر يول بىر بەلباغ » ،ئاسىيا مەبلەغ بانكىسىغا مەبلەغ سېلىش، ھاۋالىلىك قەرزدىن پايدىلىنىپ سىياسەت بانكىسى ۋە سودا بانكىسىغا مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ۋە شۇ ئارقىلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ چەتئەل بازىرىغا يۈرۈش قىلىشىنى قوللاش قاتارلىقلار.



خەتكۈچلەر:
17-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
خېشۈن تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ دۈشەنبە كۈنى بازاردا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.25 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنا بەش سودا كۈنىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 40 دولل...
28-05-2016
    جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بانكا دېگەن نامى بار. ئىسىمدىنلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈ...
28-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان،  ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
28-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ  بىلەن ئالى بابا گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مايۈننىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بايلىق فوندى، قازاقىستان تېلې...
28-05-2016
    شىنخۇا تورى، 27-ماي خەۋىرى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورداشلار باففېتنىڭ قۇلىدا ئالـما شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىلياردتىن دوللاردىن ئاشىدىغان پاي چېكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن ئىدى، بۈگۈن بۇ پايچىكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئا...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
27-05-2016
يەر شارى تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     كورىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 27- كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو-كورىيە ئىككى تەرەپ شۇ كۈنى سىئولدا 14- نۆۋەتلىك جۇڭگو-كورىيە ئىقت...
27-05-2016
خېشۈن تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     5- ئاينىڭ 27- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائەت 12 بولغاندا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1217.56 دوللار بولۇپ، ئەتىگەندىن بېرى 12 دوللار چۈشۈپ كەتت...
Powered by Leglek