بۇ پەسىللىك ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسدە يېڭىدىن يېتىشىپ چىققان ھۇجۇمچى ۋاردىي 14 ئايلانما مۇسابىقىدە 14 توپ كىرگۈزۈپ ئېنگىلاندنى زىلزىلىگە سېلىۋەتتى. ھەمدە بىراقلا نامى چىقىپ كەتتى. بىراق 2015-2016 مۇسابىقە پەسىلى گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى 14 ئايلانما مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ، دورتموند كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى ئوبۇمىياڭ ھەيران قالارلىق ھالدا 17 توپ كىرگۈزدى. بۇ ھۇجۇمچى ھازىر بىرلەشمە مەرگەنلەر رەت-تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. مۇبادا ئوبۇمىياڭ ھازىرقىدەك يۇقىرى ئۈنۈملۈك توپ كىرگۈزۈش ھالىتىنى ساقلاپ قالالىسا، ئۇ چاغدا بۇ پەسىللىك ياۋروپا ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىنى ئالالايدۇ.
«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» بىر پارچە سۈرەت ئارقىلىق ئوبۇمىياڭنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى ئانالىز قىلغان. گابۇنلۇق بۇ ھۇجۇمچى 1226 مىنۇت مۇسابىقە ئويناش جەريانىدا قاپقىغا جەمىي 55 قېتىم توپ تەپكەن، 17 توپ كىرگۈزگەن. ھەر ئۈچ توپنىڭ بىرسىدە نومۇر ئالغان. بۇ 17 توپنى ئوڭ پۇتتا 12 نى، سول پۇتتا تۆتنى كىرگۈزگەن. بىر قېتىم كاللا توپ كىرگۈزگەن. ۋاقىت جەھەتتىن ئالدىنقى يېرىم مەيداندا بەش توپ، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە 12 توپ، بەدەن قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بۇ ھۇجۇمچىنىڭ ھەر خىل توپ كىرگۈزۈش ئۇسۇلى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرماي قالمايدۇ. ئۇ يەنە گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى 39 يىلدىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى ھوسۇللۇق مەرگەن بولۇپ قالغان. بۇ پەسىلدىكى 14 ئايلانما مۇسابىقىدە ئۇ پەقەت ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە توپ ئۇرالمىدى.
بايرىن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ ماھىرى توماس موللېر بىلەن پولشالىق ھۇجۇمچى لېۋېنتوۋسىكىنىڭ بۇ پەسىلدىكى ئىپادىسىمۇ ياخشى بولۇپ، لېۋانتوۋسىكى 13 مەيدان مۇسابىقىدە 14 توپ كىرگۈزگەن. توماس موللېر 14 مەيدان مۇسابىقىدە 13 توپ كىرگۈزگەن. بىراق بۇلارمۇ ھازىر ئوبومىياڭغا يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ تۇراقلىق بولغان ھالىتى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى نېيمار، مېسسى، سۇئارېز، كىرىستىئانو رونالدو ۋە ئىتالىيەدىكى ئارگېنتىنالىق ھۇجۇمچى ھىگۇايىندىن قېلىشمايدۇ. يەككە پەسىلدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى 1971-1972 مۇسابىقە پەسىلى رىۋايەتلىك ھۇجۇمچى گىرد موللېر ياراتقان، ئۇ 34 ئايلانما مۇسابىقىدە 40 توپ كىرگۈزگەن. ئوبومىياڭنىڭ بۇ پەسىلدىكى توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى گىرد موللېردىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئەگەر بۇ گابۇنلۇق ياخشى ئىپادىسى بىلەن ئوينىسا گىرد موللېرنىڭ يەككە پەسىلدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رېكورتى بۇزۇلۇشى مۇمكىن. ئوبومىياڭنىڭ گىرد موللېرنىڭ 40 توپ رېكورتىنى بۇزۇش قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ، بىراق ئۇنىڭ 2015-2016 مۇسابىقە پەسىللىك ياۋروپا ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىنى ئېلىش پۇرسىتى بار. توغرا، ئۇ ھازىر ياۋروپادىكى بىرىنچى مەرگەن! مېسسى بىلەن رونالدومۇ يېتەلمەيدۇ.......
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved