فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يەمەندىكى خۇسەي قوراللىقلىرى 5-ماي مىناميوت ۋە راكېتا بومبا قويۇپ بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان چېگرىسىدىكى ناجران بازىرىغا ھۇجۇم قىلغان.
سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تارقاتقان بىر كۆرۈنۈشتە، ناجران بازىرىدىكى بىر يولنىڭ بۇزۇۋېتىلگەنلىكى ۋە يەنە بىر بىنانىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ خۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان چېگرىسىغا تۇنجى قېتىم ھۇجۇم قىلىشى ئىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، برىگادا گېنېرالى ئەھمەد بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى دەلىللەپ : سەئۇدى ئەرەبىستان قوراللىق قىسمى خۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارشى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، بۈگۈن چوقۇم ئۇلارنى جازالايدۇ، دېگەن. يەرلىكتىكى نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان مىناميوت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، يەمەن چېگرىسىغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان.
سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبىستان ناجران بازىرىدىكى بارلىق مەكتەپلەرنى ۋاقىتىنچە تاقىغان. سەئۇدى ئەرەبىستان ئاۋىياتسىيە شىركىتىمۇ ناجران بازىرىغا بارىدىغان بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved