CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا نېفىت باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى بۇ قۇملۇق دۆلىتىنىڭ كىرىم ئاساسىغا ئېغىر زەربە بەرگەن. يېڭى خامچوت لاھىيەسىدە، ئۇلار ھۆكۈمەت چىقىمىنى ئازايتىپ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۆپەيتىشكە مەجبۇر بولغان، يەنى مۇشۇنداق قىلسىمۇ ئۇلار قىيىنچىلىقتىن پۈتۈنلەي قۇتۇلالمايدىكەن.
Big Crunch نىڭ ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت 2018-يىلىنىڭ بېشىدا ۋەيران بولۇش ئەھۋالىغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىنكەن.
نۇرغۇنلىغان يۇقىرى دەرىجىدە نېفىتقا تايىنىدىغان دۆلەتلەر ھازىر ئۆزىنىڭ خامچوتىنى چوقۇم تەڭشىشى كېرەككەن، چۈنكى يەرشارى بازىرىدا نېفىت باھاسى چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ كىرىمىدا چوڭ مەسىلە كۆرۈلگەن. قاتار ياكى كۈۋەيىتدەك نەق پۇل زاپىسى يىتەرلىك بولغان دۆلەت بەلكىم يەنىلا ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتۈپ كېتەلىشى مۇمكىن، ئەمما ئاشۇ لىۋىيە قاتارلىقلاردەك نامرات دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئېغىر قىيىنچىلىقتا قېلىپ، يەنىلا ئىچكى ئۇرۇش داۋاملىشىدىكەن. خەلقئارا پۇل فوندىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، لىۋىيە خانچوتنى تەڭپۇڭلاشتۇرماقچى بولسا، نېفىت باھاسىنى چوقۇم ھەر باكىنى 269 دوللارغا يەتكۈزسە بولىدىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەھۋالى ئىككىسى ئارىسىدا بولىشى مۇمكىن: ئۇلار بولسا بىر مۇقىم دۆلەت، خېلى كۆپ تاشقى پېرۋوت زاپىسى بار، 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تەخمىنەن 624 مىلىيارد دوللارغا يەتكەن. پەقەت ئۇلارنىڭ مۇقۇملىقى ناھايىتى چوڭ دەرىجىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى تەمىنلىگەنلىكى ۋە سېخىي ئاممىۋى چىقىمىدىن سەۋەبىدىن بولغان، ئەمما نېفىت باھاسى چۈشۈپ كەتكەن ئەھۋالدا، ئۇلار تاشقى پېرۋوت زاپىسى ئارقىلىق چېىقىم كەمچىللىكىنى تولۇقلاشقا مەجبۇر بولدى.
ئەلۋەتتە، بۇ قېتىملىق سەئۇدۇ ئەرەبىستاننىڭ ئىستىقبالىغا قارىتىلغان ئانالىز سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇھىم ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسەتمىگەن ياكى باشقا ئۆزگىرىش بولمىغان ئەھۋالنى ئالدىنقى شەرت قىلغان. ئۇ ئوخشاشلا يەنە نېفىت باھاسى داۋاملىق كاسات ھالەتنى ساقلاپ قالىدۇ دەپ پەرەز قىلغان، بۇ نۇقتىغا قارىتا، كۆپلىگەن مۇتەخەسىسلەرنىڭ ھەممىسى بىر مەزگىل كۆز قارشىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.
ئالدىنقى يىلى 8-ئايدا، نېفىت باھاسىنىڭ ھەر باكى 48 دوللاردىن 41 دوللارغىچە چۈشكەن ۋاقىتتا، CNBC سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مالىيە ئەھۋالىنى ئانالىز قىلغان. ئەينى ۋاقىتتىكى يەكۈن بولسا سەئۇدى ئەرەبىستان 2018-يىلى 8-ئايدا ۋەيران بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئاشۇ قېتىملىق تەتقىقات نېفىت باھاسىنى 40 دوللارنى ساقلاپ قالىدۇ دەپ پەرەز قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان يەنە ئاممىۋى چىقىمنى زور كۆلەمدە ئازايىتتى.
سەئۇدى ئەرەبىستان 2016-يىللىق خامچوتىنى 2015-يىلىدىكىدىن %13.8 ئازلاتتى، ئەمما باركىلەيىسنىڭ مۆلچەرى بولسا ئەمەلى كېمەيتىش نىسبىتى پەقەت %5 ئەتىراپىدا. باركىلەيىسنىڭ يەكۈنى بولسا ئۇلارنىڭ 2016-يىللىق خامچوت قىزىل رەقىمى گ د پ نىڭ %12.9 گە تەڭ كېلىدۇ.
خامچوتنى كېمەيىتكەندىن سىرت، سەئۇدى ئەرەبىستان يەنە ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇشنى مۇراجەت قىلغان. ئېنىرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، 10-ئايدا كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 10 مىلىيون باكتىن ئېشىپ كەتكەن.
گەرچە ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇشنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئازراق كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ياردىمى بولسىمۇ، ئەمما يەرشارى بازىرىدىكى تەمىنلەش ئېھتىياجدىن زىيادە ئېشىپ كېتىش ئەھۋالىنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋەتكەن.
خەلقئارا ئېنىرگىيە مەھكىمىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2016-يىلى بىرىنچى پەسىلدە، يەرشارى كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 95 مىلىيون باكقا يېقىنلاشقان، ئەكىسچە ئىستىمال مىقدارى 94 مىلىيون باك ئەتىراپىدا بولغان.
ئىستىمالنىڭ ئازىيىشىنى تىلغا ئالغاندا، نۇرغۇنلىغان كىشلەر ئاساسلىق سەۋەبى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ چېكىنگەنلىكىدە دەپ قارايدۇ. تەمىنلەش تەرەپتە، ئامېرىكا سىلانتىس مېيى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت قاتتىق پوزىتسىيەدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۆلچەرلىگەن بەرداشلىق بېرىش كۈچىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. يەنە غەربنىڭ چەكلەش جازاسىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىران يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدە نېفىت بازىرىغا قايتىپ كەلدى. ئىراننىڭ نۆۋەتتىكى كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تەخمىنەن 1.10 مىلىيون باك، ئۇلار 1.50 مىلىيون باكقا يەتكۈزۈشتىن ئىلگىرى ئېشىش سۈرئىتىنى ئازايتىش مەسىلىسىنى ئويلاشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved